ئۈندىدارغا ئورتاقلىشىڭ|تېلېفوندا كۆرۈڭ
[باشقلارنىڭ ئەمگكىنى ھۆرمەتلەڭ]
بادام ئەتىرگۈل ئائىلىسدىكى ياغاچ غوللۇق ياغلىق دەرەخ ، شۇنداقلا قاتتىق شاكاللىق مېۋىلىك دەرەخلەرنىڭ بىرى . ھازىر ئاپتونوم رايونىمىزدا بادامىنىڭ ئۈچ خىل تۈرى ، بەش ئۆزگەرگەن خىلى ، 45 خىلىدىن ئارتۇق سورتى تىكىپ ئۆستۈرۈلۈۋاتىدۇ . بادام 6 _8 مېتىر ئۆسىدۇ . 4 _ئايدا چېچەكلەپ ، 8 _ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا مېۋىسى پىشىدۇ . 10 _ئاينىڭ ئاخىرلىرىدا يوپۇرماق تاشلايدۇ . بادامىنىڭ ياغ مىقىدارى بىر قەدەر مول بولۇپ ، 55 _60 %كە يېتىدۇ . بادام يېغى سۈپتى ئۆزگەرمەيدىغان ، خۇش پۇراقلىق ، ھەزىم قىلىنىشى ياخشى ياغ ھېسابلىنىدۇ . بادام يېغى تۇرمۇشتا ئستېمال قىلىنىغاندىن باشقا يېنىك سانائەتتە ھەر خىل نازۇك ئەسۋابلارنى مايلاشقا ئىشلىتىلىدۇ . ئەڭ مۇھىمى ، دورىگەرلىك سانائىتىدە مۇھىم خام ئەشيا سۈپتىدە قوللىنىلىدۇ . بادام مېغىزىنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتىمۇ ناھايتى مول بولۇپ ، ئوخشاش مىقدارىدىكى كالا گۆشى بىلەن سېلىشىتۇرغاندا ئالتە ھەسسە يۇقىرى تۇرىدۇ . ئۇنىڭ تەركبىدە ئىنسانلاردا كەم بولسا بولمايدىغان ئاقسىل ، قەنت ، مېنىرال تۇز بىرىكىملىرى ، ھەر خىل ۋىتامىنىلار ، تاننىن قاتارلىق ماددىلار بار ، شۇنداقلا كالتىسىي ، ماگىنىي ، ناترىي ، تۆمۈر ، بارىي ، تىتان ، مىس ، مانگان ، خروم ئاليۇمىن ، سىترونتسىي قاتارلىق ئېلىمىېنتىلارمۇ ئاز مىقىدارىدا ساقىلىنىدۇ . بادام مېغىزىنى ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكىدە ھەر خىل دورىلارغا قوشۇپ ، خىلمۇخىل كېسەللىكىلەر ، يەنى نېرۋا ئاجىزلىقى ، نېرۋا خاراكتېرلىك يۈرەك كېسەللىكى ، يۇقىرى قان بېسمى كېسەللىكى ، ئاشقازان ، 12 بارماق ئۈچەي يارىسى ، قەنت كېسەللىكى ، ئاشقازان ، 12 بارماق ئۈچەي يارىسى ، قەنت كېسلى ، ئۇيقۇسىزلىق ، بوۋاقلاردا بولىدىغان پالەچ كېسەللىكى ، تېرە كېسەللىكى قاتارلىقىلارنى داۋالايدۇ ھەم ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئىشلىتىىلىدۇ . مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللاردىن قارىغاندا چەت ئەل تېببىي ئالىمىلىرى ئاچچىق بادام مېغىزدىن پايدىلىنىپ ئاشقازان ۋە ئۈچەي راكىنى داۋالىغان .
مەنبە.......تۇرمۇش مەسلىھەتچسى ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
