ئۈندىدارغا ئورتاقلىشىڭ|تېلېفوندا كۆرۈڭ
www.iz.la
ئۇيغۇر خەلقى خەيرى - ساخاۋەتلىك خەلىق . ئۇلار بىر - بىرىنى يۆلەيدۇ ، بىر - بىرىنىڭ ھالىغا يېتىدۇ ، تاپقىنىنى تەڭ تارتىشىپ يەيدۇ . ساخاۋەتلىك كىشىلەرنى ھۆرمەتلەيدۇ . شۇڭا ، ئۇلاردا ؛ << بۆرىنىڭ ئورتاق ، قۇزغۇننىڭ ياغاچ بىشىدا >> دېگەن تەمسىللەر بار . بۇ خەير - ساخاۋەتلىك ، تاپقىنىنى باشقىلاردىن قىزغانماي ئورتاق يىگەن كىشىلەرگە سىمۋول قىلىنغان . ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تور
خەير - ساخاۋەتنىڭ تۈرلىرى ناھايىتى كۆپ . ئۇيغۇرلار ھەتتا ياقا - يۇرتلارغا مۇساپىر بولۇپ بېرىپ قالغان كىشىلەرنىڭ بېشىنى سىلاپ ئۇلارنى ئۆيلۈك - ئوچاقلىق قىلىپ قويىدۇ . بەزىلەر ھەتتا ئۆزىنىڭ قىزىنىمۇ بېرىدۇ . قول ئېلكىدە بارلار ھەر يىلىنىڭ روزا ئېيىدا ئومۇمىي ئىقتىسادىي كىرىمنىڭ 40 تىن بىرىنى ، چارۋىسىنىڭ 40 تىن بىرىنى زاكاتقا ئايرىپ ، ئۇرۇق - تۇققان ، كەمبەغەل ، يېتىم ئوغۇللارغا ۋە مۇھىم جامائەتچىلىك ئىشلىرىغا بېرىدۇ . ئىقتىسادىي ئەھۋالى خەير - ساخاۋەت قىلىشقا يار بەرمىگەن كىشىلەر ياخشى سۆز ، ياخشى ھەركەتلىرى بىلەن باشقىلارغا ياردەم بەرسە ، ياخشى مەسلىھەت بەرسە ، ئائىلىسىدىكىلەرنى ياخشى يولغا باشلىسا ، ئائىلىدىكىسىلەرنى خارلىمىسا ، باشقىلارغا يامانلىق قىلمىسا ھەم خەير - ساخاۋەت ھېسابلىنىدۇ ، باشقىلار تەرىپىدىن ماختىلىدۇ . خەير - ساخاۋەتسىز بايلىق ھالال بايلىق ئەمەس دەپ قارالغاچقا ، بۇ ، مىللەتنىڭ قانۇنلاشقان يوسۇنىغا ئايلانغان . ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تور
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
مەنبە .............. قائىدە يوسۇنلىرىمىز دىن .
copyright by www.iz.la
