app دېتالى
ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>خەلقئارا>

رۇسىيە «ھۇجۇمچى قوراللارنى چەكلەش شەرتنامىسى»دىن چېكىنىپ چىقىشى مۇمكىن

ۋاقتى:2014-02-03 13:26مەنبە: يوللىغۇچى:مىرادىل چېكىلىشى:قىتىم

ئۈندىدارغا ئورتاقلىشىڭ|تېلېفوندا كۆرۈڭ

QR code

بىز ھەممىمىز ئىز تورىنى ياخشى كۆرىمىز!

 

بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

    شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، خەلقئارا تېلېگراف ئاگېنتلىقى 1-فېۋرال رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى بىخەتەرلىك ۋە ھەربىي ھازىرلىقلارنى قىسقارتىش مەسىلىسى مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى ئۇرىيانوفنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ مۇنداق دېگەن: ئەگەر ئامېرىكا باشقۇرۇلىدىغان بومبىدىن مۇداپىئەلىنىش سىستېمىسىنى داۋاملىق تەرەققىي قىلدۇرسا، رۇسىيە «ھۇجۇمچى ئىستراتېگىيەلىك قوراللارنى قىسقارتىش ۋە چەكلەش شەرتنامىسى»دىن چېكىنىپ چىقىشى مۇمكىن.

ئىز تورى www.iz.la

    رۇسىيە ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ ياۋروپادا باشقۇرۇلىدىغان بومبىغا قارشى سىستېما قۇرۇشىغا قارشى تۇرۇپ كەلدى. رۇسىيە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىدىن باشقۇرۇلىدىغان بومبىغا قارشى سىستېمىنىڭ رۇسىيەگە قارىتىلماسلىقى ھەققىدە ئەدلىيە كاپالىتى بېرىشنى تەلەپ قىلدى، بىراق شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى پەقەت رۇسىيەگە قارىتىلماسلىققا سىياسىي كېپىل بولۇشقىلا قوشۇلدى. نۆۋەتتە، باشقۇرۇلىدىغان بومبىغا قارشى سىستېما مەسىلىسى يەنىلا رۇسىيە-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنى راۋاجلاندۇرۇشتىكى توسالغۇلارنىڭ بىرى بولماقتا.
ئىز تورى www.iz.la


مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

copyright by www.iz.la

ياخشىكەن
(1)
100%
ئالقىشلايمەن
(0)
0%
ئىنكاس يېزىش ھەممە ئىنكاسلار
ئاممىۋى تور ئەخلاقىغا رىئايە قىلىڭ، تەستىقلانغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ.IPخاتىرلىنىدۇ.
باھا:
يىقىنقى ئىنكاسلار ھەممە ئىنكاس