app دېتالى
ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>خەلقئارا>

سوچى قىشلىق ئولىمپىك تەنھەركەت مۇسابىقىسىنىڭ ئامانلىقنى قوغداش تەدبىرلىرى كۈچەيتىلدى

ۋاقتى:2014-02-03 12:42مەنبە: يوللىغۇچى:مىرادىل چېكىلىشى:قىتىم

ئۈندىدارغا ئورتاقلىشىڭ|تېلېفوندا كۆرۈڭ

QR code

ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

  ئىز تورى www.iz.la


    سوچى قىشلىق ئولىمپىك تەنھەركەت مۇسابىقىسىنىڭ يېقىنلىشىشغا ئەگىشىپ، شۇ يەرنىڭ ئامانلىقىنى قوغداش  تەدبىرلىرى ئۆزلۈكسىز  يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈلىشكە  باشلىدى. نۆۋەتتە قارا دېڭىز ياقىسىدىكى بۇ شەھەر  ئەسكەرلەر قوغدايدىغان مۇھىم  بازىغا ئايلاندى، 40 مىڭغا يېقىن ساقچى  نۆۋەتچىلىك قىلماقتا، ئېلېكتىرونلۇق خەۋەرلىشىش، نازارەت  قىلىش تەدبىرلىرى ئۆزلۈكسىز يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈلدى. كاۋكاز تىغىدا مەنئى قىلىش رايونى، سېرتنىڭ  ئاپتومبىلىرىنىڭ  شەھەرگە كېرىشىنى مەنئى قىلىش، پوچتا پوسۇلكىلىرىنى بىردەك  ئىچىپ تەكشۇرۇش يولغا قويۇلدى. ئىز تورى بەك ياخشى
نۆۋەتتىكى ئەھۋالدىن قارىغاندا، بىر قاتار  ئۆتكۈنچى  ئامانلىق ساقلاش تەدبىرلىرى شۇ يەردىكى تاراتقۇلارنىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىمىغان، بولۇپمۇ ئۆتكەن يىلنىڭ ئاخىرلىرى ۋولگىگىراددا ئارقا ئارقىدىن تېررورلۇق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۇز بەرگەندىن كىيىن، ئامانلىقنى ساقلاش تەدبىرىنى يەنىمۇ چىڭىتىش زورور بولۇپ قالغان. [باشقلارنىڭ ئەمگكىنى ھۆرمەتلەڭ]
     سوچى بىلەن قوشنا بولغان رۇسىيىنىڭ شىمالىي كاۋكاز  فېدېراتسىيە رايونى ئەزەلدىن تېررورلۇقنىڭ تەھىدىگە ئەڭ كۇچلۇك ئۇچراپ كېلىۋاتقان رايونلارنىڭ بېرى بولۇپ، چېچىنىيەدىكى قانۇنسىز قۇراللىق  كۈچلەر دائىم بۇ يەردە ھەرىكەت قىلىدۇ، تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغىنىغا كۆپ يىللار بولغان چېچىنىيەدىكى قانۇنسىز قۇراللىق كۇچلەرنىڭ كاتىبىشى ئۇمەرۇف تېخى قانۇن تورىغا چۈشمىدى ھەمدە قىش پەسىللىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئۆتكۈزۈلىشىگە توسقۇنلۇق قىلىدىغانلىقى توغرىسىدا داۋراڭ سالماقتا. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، رۇسىيىنىڭ تېررورلۇقدىن مۇداپئەلىنىش تارماقلىرى سوچى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپدىكى شەھەرلەرگە ھۇجۇم قىلىش سۇيىقەستىنى بىر قانچە قېتىم تارمار قىلدى. بۇ بىخەتەرلىكنى قوغداشنىڭ سوچى قىش پەسىللىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى مەزگىلىدىكى ئىنتايىن مۇھىم ئىش ئىكەنلىكىنى كۆرسەتتى. ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تور
     بىخەتەرلىك ۋەزىيىتى كەسكىن بولسىمۇ، بىراق رۇسىيە بۇنىڭغا ياخشى تەييارلىق كۆرۈپ قويدى. رۇسىيە ئولىمپىك تەنھەرىكەت كومىتېتىنىڭ رەئىسى روكېف ۋولگىگىراد شەھىرى تېررورلۇق ھۇجۇمىغا ئۇچرىغاندىن كىيىن قەسەم بېرىپ، سوچى قىش پەسىللىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ بارلىق زۆرور ئامانلىقنى ساقلاش تەدبىرلىرىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ بولغانلىقى، رۇسىيىنىڭ ۋولگىگراد شەھىرى تېررورلۇقنىڭ ھۇجۇمىغا  ئۇچراش سەۋەبى بىلەن تاماشىبىنلارغا  قىش پەسىللىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى پاسپورتى تارقىتىشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر قاتار ئالاھىدە بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى قوللانمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
خەلقئارا ئولىمپىك تەنھەركەت مۇسابىقىسىنىڭ رەئىسى باخ رۇسىيەنىڭ خىزمەتلىرىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى. ئۇ رۇسىيە دائىرىلىرىنىڭ سۇچىدا بىخەتەر، ئىشەنچلىك قىشلىق ئولىمپىك تەنھەركەت مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈش ئىقتىدارى، بار دەپ ھېسابلىدى.

ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

بىخەتەرلىكنى قوغداش سۇچى قىشلىق ئولىمپىك تەنھەركەت مۇسابىقىسى تەشكىلى كومىتېتى ئەڭ بالدۇر باشلىغان خىزمەتلەرنىڭ بىرى. رۇسىيە 2007-يىلى 7-ئايدا سۇچى قىشلىق ئولىمپىك تەنھەركەت مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزۈش ھوقۇقىغا ئېرىشكەندىن باشلاپلا، ئولىمپىك تەنھەركەت مۇسابىقىسىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش خىزمىتىنى باشلىغان ئىدى. 2008-يىلى 1-ئايدا ئۆتكۈزۈلگەن رۇسىيە فىدىراتسىيەسى بىخەتەرلىك خىزمىتى يىغىنىدا، زۇڭتۇڭ پۇتىن ئۈنۈملۈك، كۆپ قۇتۇپلۇق بىخەتەرلىكنى قوغداش سىسىتېمىسى ئورنىتىپ، خەلقئارالىق تېررورلۇقنىڭ ئالدىنى ئېلىش ھەمكارلىقىنى كېڭەيتىپ، قىشلىق ئولىمپىك تەنھەركەت مۇسابىقىسىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشنى تەلەپ قىلغان. شۇ قېتىمقى يىغىندا سۇچى قىشلىق ئولىمپىك تەنھەركەت مۇسابىقىسىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش خىزمىتىگە نىشان بەلگىلەپ بەرگەن ئىدى.

ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تور

رۇسىيە سۇچى قىشلىق ئولىمپىك تەنھەركەت مۇسابىقىسىنى تارىختىكى ئەڭ بىخەتەر ئولىمپىك تەنھەركەت مۇسابىقىسى قىلىپ ئۆتكۈزۈشنى كۆپ قېتىم تەكىتلىگەن. تاراتقۇلارنىڭ ئاشكارىلىشىچە، سوچى قىشلىق ئولىمپىك تەنھەركەت مۇسابىقىسىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش خىزمىتىگە 2 مىلياردتىن 3 مىلياراد ئامېرىكا دوللىرىغىچە مەبلەغ سېلىنغان. بۇ سان ئۆتكەن ھەر نۆۋەتلىك قىشلىق ئولىمپىك تەنھەركەت مۇسابىقىسىنىڭ بىخەتەرلىكنى قوغداش خىزمىتىگە سېلىنغان مەبلەغدىن كۆپ بولۇپلا قالماستىن، ھەتتا لوندۇن ئولىمپىك تەنھەركەت مۇسابىقىسىنىڭكىدىنمۇ ئېشىپ كەتكەن. رۇسىيە بىخەتەرلىك تارماقلىرى كۆپ مىقتاردىكى يېڭىچە قورال-جابدۇق ئىشلىتىپ، سوچى قىشلىق ئولىمپىك تەنھەركەت مۇسابىقىسىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، سوچىنىڭ دېڭىز ساھىلىدا دېڭىزدا بىخەتەرلىكنى قوغداش سىستېمىسى ئورۇنلاشتۇرغان. رۇسىيە ئارمىيەسى يەنە ئايروپىلان ۋە چارلىغۇچى باشقۇرىلىدىغان بومبىنىڭ ھۇجۇمىغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، سوچىغا قىسقا مۇساپىلىق ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسى ئورناتقان. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
سوچى قىشلىق ئولىمپىك تەنھەركەت مۇسابىقىسى تەشكىلى كومىتېتىنىڭ رەئىسى چېرنىشىنكى بۇلتۇر بوستۇندا مارافونچە يۈگرۈش مۇسابىقىسىدا پارتلىتىش ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كېيىن تاراتقۇلارغا: سوچى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا قىشلىق ئولىمپىك تەنھەركەت مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزۈش ھوقۇقىغا ئېرىشكەندىن باشلاپلا، بىخەتەرلىكنى قوغداش خىزمىتىنى تەشكىلى خىزمەتتە ئەڭ مۇھىم ئورۇنغا قويدى، دېدى. www.iz.la


مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تور

ياخشىكەن
(0)
0%
ئالقىشلايمەن
(0)
0%
ئىنكاس يېزىش ھەممە ئىنكاسلار
ئاممىۋى تور ئەخلاقىغا رىئايە قىلىڭ، تەستىقلانغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ.IPخاتىرلىنىدۇ.
باھا:
يىقىنقى ئىنكاسلار ھەممە ئىنكاس