ئۈندىدارغا ئورتاقلىشىڭ|تېلېفوندا كۆرۈڭ
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
شىنخۇا ئاگېنتلىقى مىكرو بىلوگىدا خەۋەر قىلىنىشىچە ، باش شۇجى شى جىنپىڭ 26-يانۋار چۈشتىن بۇرۇن ۋەتىنىمىزنىڭ چېگرا رايونى بولغان ئىچكى موڭغۇل ئار تېغىغا كېلىپ ، ℃30-لۇق سوغۇق ھاۋا ، شىۋىرغانلىق قاردا ۋەتەننىڭ چېگرا رايونىنى مۇھاپىزەت قىلىۋاتقان جەڭچىلەردىن سەمىمىي ھال سورىدى . كىرپىكلىرىنى قىروۋ باسقان جەڭچىلەرنى كۆرگەن باش شۇجى شى جىنپىڭ جەڭچىلەردىن ھەر كۈنى قانچىلىك ۋاقىت قاراۋۇللۇق قىلىدىغانلىقىنى ، قانچە كىلومېتىر يول يۈرۈپ چارلاش ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى سورىدى . شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى : قاتتىق سوغۇققا قارىماي ۋەتەننىڭ چېگرا مۇداپىئە ئىشلىرى ئۈچۈن تارتقان جاپالىرىڭلارغا ۋەتەن ، خەلق سىلەرگە كۆپتىن كۆپ رەھمەت ئېيتىدۇ ! [باشقلارنىڭ ئەمگكىنى ھۆرمەتلەڭ]
6-يانۋار چۈشتىن بۇرۇن ، شى جىنپىڭ ئىچكى موڭغۇلدىكى مەلۇم چېگرا مۇداپىئە قىسمى قاراۋۇلخانىسىغا كېلىپ، كۈزىتىش ئۆيىدە ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان جەڭچىلەر بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈپ ، ‹‹مەن بۈگۈن سىلەر بىلەن بىرگە قاراۋۇللۇق قىلىمەن ›› دېدى .
ئىز تورى بەك ياخشى
26-يانۋار چۈشتە ، شى جىنپىڭ ليەندۈي ئاشخانىسىغا كېلىپ ، كۆپچىلىك بىلەن بىرگە تاماق يېدى . باش شۇجى كۆپچىلىك بىلەن بىرگە تاماق يېگەچ جەڭچىلەرنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىنىڭ ئەھۋالىنى سوراپ ، ليەندۈي كادىرلىرىدىن جەڭچىلەرنىڭ چاغاندىن بۇرۇنقى تۇرمۇشىنى ئوبدان ئورۇنلاشتۇرۇپ ، خۇشال-خورام چاغان ئۆتكۈزۈپ بېرىشىنى تەلەپ قىلدى .
مەن ئىز تورىغا بەك ئامراق
مەنبە. تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
