ئۈندىدارغا ئورتاقلىشىڭ|تېلېفوندا كۆرۈڭ

2014-يىللىق چاغان يېتىپ كېلىش ئالدىدا، ئاپتونوم رايونلۇق سودا ئىشلىرى نازارىتى بىلەن مالىيە نازارىتى 25-يانۋاردىن 29-يانۋارغىچە پۈتۈن شىنجاڭدىكى 24 شەھەر، ناھىيەدە ئاپتونوم رايون ۋە شەھەر دەرىجلىك زاپاس گۆشنى بازارغا سالىدىكەن، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا قالغان 55 ناھىيە، شەھەردىكى تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتىدىن بەھرىلىنىۋاتقانلار ۋە ياردەم بېرىش ئوبيېكتلىرىغا گۆش سېتىۋېلىش تولۇقلىمىسى بېرىش خىزمىتى قانات يايدۇرۇلىدىكەن. مۆلچەرلىنىشىچە، بۇ نۆۋەت 3000 توننا زاپاس گۆش بازارغا سېلىنىدىغان بولۇپ، جايلاردا بازارغا سېلىندىغان زاپاس گۆشنىڭ پارچە سېتىلىش باھاسى بازار باھاسىدىن 10 يۈەن ئەتراپىدا ئەرزان بولىدىكەن.
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
ئىگىلىنىشىچە، ئۈرۈمچى شەھىرى، تۇرپان شەھىرى، پىچان ناھىيەسى، توقسۇن ناھىيەسى، سانجى شەھىرى، غۇلجا شەھىرى، غۇلجا ناھىيەسى، قورغاس ناھىيەسى، چۆچەك ناھىيەسى، كورلا شەھىرى، لوپنۇر ناھىيەسى، ئاقسۇ شەھىرى، غۇلجا ناھىيەسى، قەشقەر شەھىرى، يەكەن ناھىيەسى، يېڭىشەھەر ناھىيەسى، قاغىلىق ناھىيەسى، پەيزاۋات ناھىيەسى، ئاتۇش شەھىرى، خوتەن شەھىرى، لوپ ناھىيەسى، قاراقاش ناھىيەسى، گۇما ناھىيەسى، كېرىيە ناھىيەسى قاتارلىق 24 نۇقتىلىق ناھىيە، شەھەرلەردىكى 115 نۇقتىدا زاپاس گۆش سېتىلىدىغان بولۇپ، بازارغا سېلىندىغان مىقدار بازار ئېھتىياجىغا قاراپ بېكىتىلىدىكەن.
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
يېقىنقى بىر قانچە يىلدىن بۇيان، شىنجاڭدا كالا-قوي گۆش مەھسۇلاتلىرىنىڭ پارچە، توپ سېتىلىش باھاسى ئىزچىل ئۆسكەنلىتىن، مەركەز، ئاپتونوم رايون، ۋىلايەت-ئوبلاستلاردا ئۈچ دەرىجىلىك زاپاس گۆش بازارغا سېلىنغان.
ئىز تورى بەك ياخشى
مەنبە. تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچەتورى
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
