ئۈندىدارغا ئورتاقلىشىڭ|تېلېفوندا كۆرۈڭ
ئەتىگىنى تۇرغاندا ھېچقانداق ئىش قىىلماي تۇرۇپ باش تاراش،سولدىن ئوڭغا،ئاندىن كېيىن ئارقىغا كۈچەپرەك تاراش كېرەك،تارىغاندا باشنىڭ تېرىلىرى سەل ئاغرىيدۇ،شۇنداقتىمۇ قايتا-قايتا تاراش كېرەك.باشنىڭ تېرىلىرى قىزىشقا قەدەر تارسا،ئىككى مىنۇت ۋاقىت كېتىدۇ.ئاندىن كېيىن قول بارماقلىرىنى ئارىدەك شەكىلىگە كەلتۈرۈپ،چاچنى ئارىلاپ يەنە بىر نەچچە مىنۇت سىلاش كېرەك،مۇشۇ مەشغۇلاتتىن 20مىنۇتتىن كېيىن تاماق يېسە مۇۋاپىق بولىدۇ.
مەن ئىز تورىغا بەك ئامراق
بۇ ئۇسۇلنى بىر ئايدىن ئارتۇق دۋاملاشتۇرسا،ئۈنۈمىنى كۆرگىلى بولىدۇ،ئۇدا ئىككى-ئۈچ ئاي تارىغاندىن كېيىن بىر مەزگىل توختىتىش كېرەك،بۇ ئۇسۇلنى چوڭلارمۇ،بالىلارمۇ قوللانسا بولۇۋېرىدۇ،لېكىن قان بېسېىمى يۇقىرى ياكى قان بېسىمى تۆۋەنلەر قوللىنىشقا بولمايدۇ،ياغاچ تارغاقنىڭ ئۇچى بەك توملىشىپ كەتكۈدەك بولسا،قۇم قەغەز سۈرتۈپ ئىنچىكىلەتسە بولىدۇ،ئەتىگىنى تاراشقا ۋاقتى بولمىسا،چۈشتە ۋە چۈشتىن كېيىن تارسىمۇ بولىدۇ،لېكىن كەچتە،نېرۋا چارچىغاندا ۋاقىتتا تارىماسلىق كېرەك.
مەنبە؛(كۆرۈنمەس دوختۇر) دېگەن كىتابتىن ئېلىندى ى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى
