ئۈندىدارغا ئورتاقلىشىڭ|تېلېفوندا كۆرۈڭ
بۇ باشقۇرۇلىدىغان بومبا بىر توننا يادرو ئوق بېشى ئېلىپ يۈرەلەيدۇ
‹‹رۇسىيە ئاۋازى ›› نىڭ 20-يانۋار ھىندىستان ئاخبارات تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىدىن نەقىل كەلتۈرۈشىچە ، ھىندىستان دۆلەت مۇداپىئە تەتقىقاتى ۋە تەرەققىيات تەشكىلاتى شۇ كۈنى يادرو ئوق بېشى ئېلىپ يۈرەلەيدىغان ، مۇساپىسى تەخمىنەن 4000 كىلومېتىرلىق ‹‹دەھشەتلىك ئوت-4›› باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك قويۇپ بەرگەن .
ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تور
ھىندىستان ئۆزى ئىشلەپچىقارغان 4000 كىلومېتىر مۇساپىلىك ‹‹دەھشەتلىك ئوت-IV›› يەر-يەر باشقۇرۇلىدىغان ئوتتۇرا مۇساپىلىك باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا (IRBM) نۇرغۇن ئارتۇقچىلىقلارغا ئىگە بولۇپ ، باشقۇرۇلىدىغان بومبىغا قارشى سىستېمىنى ۋەيران قىلالايدۇ . ‹‹ دەھشەتلىك ئوت-IV ›› نىڭ ئېغىرلىقى ‹‹دەھشەتلىك ئوت-III›› نىڭكىدىن يېنىكرەك ، يەنى ‹‹دەھشەتلىك ئوت-III›› نىڭ ئېغىرلىقى تەخمىنەن 46 توننا ، ‹‹دەھشەتلىك ئوت-IV›› بولسا ئاران 17 توننا . ‹‹دەھشەتلىك ئوت-III›› نىڭ مۇساپىسى تەخمىنەن 3000 كىلومېتىر ، ‹‹دەھشەتلىك ئوت-4›› نىڭ 4000 كىلومېتىر . ‹‹دەھشەتلىك ئوت-IV›› ئىسسىقلىق ئۆتكۈزمەس قاپ كىرگۈزۈلگەن بىر توننا ئېغىرلىقتىكى ئوق بېشىنى ئېلىپ يۈرەلەيدۇ . بۇ ئىككى دەرىجىلىك قاتتىق جىسىم راكېتانى 20 مېتىر ئېگىزلىككە ئىتتىرىپ كىرگۈزەلەيدۇ . ‹‹دەھشەتلىك ئوت-III›› تۆمۈريول كۆچمە ئېتىش قۇرۇلمىسىدىن قويۇپ بېرىلىدۇ ، ‹‹دەھشەتلىك ئوت-IV›› بولسا تۆمۈريول ۋە تاشيول ئېتىش ئاپتوموبىلىدىن قويۇپ بېرىلىدۇ، بۇ ‹‹دەھشەتلىك ئوت-IV›› نى تېخىمۇ جانلىق قىلغان ۋە تېخىمۇ چوڭ جەڭ قىلىش رادىئۇسىغا ئىگە قىلغان .
ھىندىستانلىق بىر ئالىمنىڭ دېيىشىچە ، ‹‹دەھشەتلىك ئوت-IV›› ‹‹دەھشەتلىك ئوت-III›› بىلەن ‹‹دەھشەتلىك ئوت-V›› ئارىسىدىكى ھاڭنى تىندۇرىدىكەن . ئۇنىڭ مەقسىتى ئۆلتۈرۈش ۋە يارىلاندۇرۇش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش ۋە تېخىمۇ يىراق جەڭ قىلىش رادىئۇسىنى قولغا كەلتۈرۈش ئىكەن . بۇ تىپتىكى باشقۇرۇلىدىغان بومبىغا ئىلغار تېخنىكا سەپلەنگەن بولۇپ، ھىندىستان ئۆزىدە ئىشلەنگەن ھالقىسىمان لازېرلىق پىرقىرىغۇچ (گىروسكوپ) ۋە بىرىكمە ماتېرىياللىق راكېتا موتورىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن . تېخنىكا جەھەتتىن ئېيتقاندا ، ئامېرىكىنىڭ پېرشىنگ (ئا ق ش قۇرۇقلۇق ئارمىيەسىنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبىسى) گە سېلىشتۇرغاندا ، ‹‹دەھشەتلىك ئوت-IV›› نىڭ دۇنياۋى ئۆلچەمگە يەتكەن نۇرغۇن ئىلغار تەرەپلىرى بار ئىكەن .
www.iz.la
خەۋەر قىلىنىشىچە ، ‹‹دەھشەتلىك ئوت-IV›› ھىندىستاننىڭ شەرقىي دېڭىز قىرغىقىدىكى ۋالې ئارىلى قارىغا ئېتىش مەيدانىدىن قويۇپ بېرىلگەن . ئىككى دەرىجىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا ‹‹دەھشەتلىك ئوت-4›› نىڭ ئومۇمىي ئېغىرلىقى 17 توننىغا ، ئۇزۇنلۇقى 20 مېتىرغا يېتىدىكەن . يادرو ئوق بېشىنىڭ ئېغىرلىقى بىر توننا كېلىدىكەن . بۇ ‹‹دەھشەتلىك ئوت-4›› نىڭ 4-قېتىم قويۇپ بېرىلىشى ئىكەن ، تۇنجى قېتىم قويۇپ بېرىلگەندە مۇۋەپپەقىيەتسىز بولغان، كېيىنكى ئىككى قېتىمدا بىردەك مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغان . www.iz.la
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
مەنبە. تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
