ئۈندىدارغا ئورتاقلىشىڭ|تېلېفوندا كۆرۈڭ
دەرسخانا ئوقۇتۇشىدا ، ئوقۇتقۇچىنىڭ ئوقۇتۇش پوزىتسىيسى قومادانلىق تايقىغا ئوخشاش رول ئوينايدۇ ھەمدە ئوقۇغۇچىلارنىڭ دەرس ئاڭلاش كەيىپىياتى ۋە بىلىم ئېلىش قىزغىنلىقىغا يېتەكچىلىك قىلىدۇ . ئوقۇتۇشتا ھەم مەسئۇليەتچان ، قاتتىق تەلەپ قويىدىغان ، ھەم دېموكراتىينى جارى قىلىدۇرالايدىغان ئوقۇتقۇچىلار چوقۇم ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشەلەيدۇ . ئوقۇتقۇچىنڭ ئوقۇتۇش پوزىتسىيسى ئاساسلىقى دەرسىلىك قاتارلىق ئالاقىدار ماتېرىياللارنى چوڭقۇر تەتقىق قىلىش ، ئوقۇغۇچىلارغا قىلىغان غەمخورلۇقىدا بىر خىل ئۈمىد ۋە مېھىر _مۇھەببەتنى گەۋدىلەندۈرۈش ، دەرسىخانا ئوقۇتۇش پائالىيىتىنى تەشكىللەش ۋە قانات يايدۇرۇشتا بىر خىل قىزغىنلىق بولۇش ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىزدىنىش جەريانىغا ئەھىمىيەت بېرىش ، ئۆزىنى ھەرقاچان دوسىت ئورنىغا قويۇش ، ئوقۇتۇش جەريانىدا باشىتىن _ئاخىر ئوقۇغۇچىغا ئىدىيە -ئەخلاق تەربىيسى بېرىشكە ئەھىمىيەت بېرىش قاتارلىقىلاردا ئىپادىلىنىدۇ . ئوقۇتقۇچىنىڭ ئوقۇتۇش پوزىتسىيسىنى باھالاشىتىمۇ خىزمەتداشلار ، ئوقۇغۇچىلار ئىچىدىن تەكشۈرۈشكە ۋە ئۇلار بىلەن سۆھبەتلىشىشىكە بولىدۇ ، يەنە سوئال قەغىزى ئارقىلىق باھالاشقىمۇ بولىدۇ . ئومۇمەن ئەتراپلىقىراق بولۇشى كېرەك . ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
مەنبە..........يېڭى دەرس قانداق ئوقۇتۇلىدۇ ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
