ئۈندىدارغا ئورتاقلىشىڭ|تېلېفوندا كۆرۈڭ
ھۆسىناجى ئابدۇرېھىم بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
تەرنىڭ تەركىبىدە %98 سۇ، %0.3 تۇز، ئاز مىقداردا ئاقسىل، ئورېيا ۋە باشقا ئورگانىك ماددىلار بولىدۇ.
تۇز، سۇ، ئورېيا قاتارلىقلار سۇدا ئاسان ئېرىيدۇ، ئەمما ئاقسىل ئۇنداق ئەمەس. ئادەتتىكى ئەھۋالدا، ئاقسىل كوللوئىدلىق ماددا ھالىتىدە سۇدا ئېرىيدۇ، ئەمما ئىسسىقلىققا يولۇققاندا ئۇيۇشۇۋالىدىغان بولغاچقا، سۇدا ئاسان ئېرىمەيدىغان ماددىغا ئايلىنىلىدۇ.
ئىسسىق سۇدا تەر يۇقى كىيىمنى يۇيغاندا، تەر تەركىبىدىكى ئاقسىل ئۇيۇشۇۋېلىپ، سۇدا ئاسان ئېرىمەيدىغان ماددىغا ئۆزگىرىپ، كىيىمدىكى تالالارغا چىڭ چاپلىشىۋالىدۇ، يورۇقلۇق بىلەن ئۇچراشقاندا، ھاۋادىكى ئوكسىگېندا ئوكسىدلانغاندىن كېيىن، سېرىق رەڭلىك داغقا ئايلىنىپ، كىيىمنىڭ سۈپىتىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ. شۇڭا ئادەتتە كىيىم – كېچەكلەرگە قان، كالا سۈتى ۋە مېۋە شىرنىسى قاتارلىق تەركىبىدە ئاقسىل بولغان ماددىلار يۇقۇشىۋالغاندا، ياخشىسى سوغۇق سۇدا يۇيۇش كېرەك.
ى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى
