ئۈندىدارغا ئورتاقلىشىڭ|تېلېفوندا كۆرۈڭ
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
باھار كېلىشى بىلەن قىشلىق كىيىملەر ساندۇققا سېلىنىدۇ . ئەمما مامۇق كىيىملەر بىر قىش كىيىگەندىن كېيىن ئۇنىڭ ھەممە يېرىنى چاڭ - توزان بېىپ كېتىدۇ . بولۇپمۇ بالىلارنىڭ مامۇق كىيىملىرى تېخىمۇ ئاسان كىرلشىىدۇ . شۇڭا ئۇنى ساندۇققا سېلىشىتىن بۇرۇن ئوبدا ن يۇيۇپ ساقلاپ قويۇشىقا توغرا كېلىدۇ . ئۇنى تۆۋەندىكى ئۇسۇللار بويىچە يۇيۇش كىرەك .
بىز ھەممىمىز ئىز تورىنى ياخشى كۆرىمىز!
1. چاڭغىچىلار كىيىمى ( خۋاشۆسەن ) نى ئاۋۋال سۈزۈك سۇغا سېلىپ 15 ` 15 مىنۇت چىلاپ قويۇپ ، سۇ سۇ يۈزىگە لەيلەپ چىققان نەرسىلەرنى ئېلىۋەتكەندىن كېيىن بۇ سۇنى تۆكۈۋېتىپ كىيىمىنى بوش قۇرۇتۇش كىرەك .
2. ئالىي دەرىجىلىك كىر يۇيۇش پاراشۇكىدىن مۇۋاپىق مىقىداردا داسىقا تۆكۈپ ، ئۈستىگە ئىسىسق سۇ قۇيۇپ . تەكىشى ئېرىتلىدۇ ۋە قول بىلەن سۇنىڭ تېمپۇراتۇرىسىنى سىناپ كۆرگەندە 40 سىلىسيە گىرادۇرس ئەتراپىدا بولسا مۇۋاپىق بولىدۇ . ئاندىن سۇيى سىقىۋېتىلىگەن مامۇق كىيىمىنى بۇ ئېرتىمىگە سېلىپ بىرنەچچە قېتىم يۇيۇۋېتىلىپ ، يەنە 15 ~ 10 مىنۇت چىلاپ سۈزۈۋېلىپ شرە ئۈستىگە يېپىپ يۇمشاق چوتكا بىلەن چوتكىلىنىدۇ . بۇنىڭدا ئاۋۋال ئەستىرى . كىيىن تېشى ، ئاخىرىدا ئىككى يەڭىنىڭ ئىچى - تېشى چوتكىلىنىدۇ . ئېغىرراق كىرلەشكەن جايلىرىنى سۇغا سېلىشىتىن بۇرۇن ئالىي دەرىجىلىك بېنزىن بىلەن بىر قېتىم سۈرتېۋېتىش لازىم .
3. سۈزۈك سۇغا سېلىپ بىر ياقىتىن ئايلاندۇرۇپ يۇيۇپ ، بىرياقىتىن يەڭگىل مۇجۇلىدۇ ، ماغزابلىرىنى ئىمكانقەدەر پاكىر چايقاپ . ئاندىن سۈزۈۋېلىپ . سۈيى سىقىلىدۇ .
4. يېيىپ قۇرۇتۇش . ئاۋۋال سۇيى سىقىۋېتىلىگەن كىيىمىنى نىلون تور خالىتىغا سېلىپ ئېسىپ قويۇپ .سۈيى ئېقىپ . يېرىم قۇرۇغاندىن كېيىن شەكلى روسلىنپ ئەسلىي ئىسكەتىگە كەلتۇرۇلۇش بىلەن ئاپتاپقا سېلىپ قۇرۇتۇلىدۇ . چالا ( 80 پىرسەنتىتىن 90 پىرسەنتىكىچە ) قۇرغان چاغدا . ئىككى يېڭىگە بىر تاياقنى ئۆتكۇزۇپ ئېسىپ قويۇپ . تولق قۇرۇغاندىن كېيىن يۇمشاق چىۋىق بىلەن بوش - بوش ئۇرۇپ بېرىلىسە مامۇقلىرى پۈتۈنلەي بوشاپ . بۇرۇنىقى ھالىتىگە كېلىدۇ . بىز ھەممىمىز ئىز تورىنى ياخشى كۆرىمىز!
مەنبە كۈندىلىك تۇرمۇش ئەپچىل چارىلەر
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
