ئۈندىدارغا ئورتاقلىشىڭ|تېلېفوندا كۆرۈڭ

ياۋ تۇڭ، ياڭ چاڭجياۋ خەۋىرى: جەنۇبىي شىنجاڭ تۆمۈر يولىنىڭ يېڭىدىن قوشۇلغان تۇرپان – كورلا 2 – لىنىيەسىنىڭ ‹‹بوغۇزى›› ئوتتۇرا تەڭرىتاغ تونېلى (ئوڭ تەرەپ لىنىيەسى) 16 – سېنتەبىر بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 12 دە تۇتاشتۇرۇلۇپ، كېلەر يىلىنىڭ ئاخىرىدىكى تۇرپان – كورلا تۆمۈر يولى 2 – لىنىيەسىنىڭ ئومۇمىي لىنىيەسىدە پويىز قاتنىشىغا ئاساس سېلىندى.
ئىز تورى بەك ياخشى
2007 – يىلى 5 – ئايدا، قۇرۇلۇش باشلانغان ئوتتۇرا تەڭرىتاغ تونېلىنىڭ قۇرۇلۇشى ئۈرۈمچى تۆمۈر يول ئىدارىسى ھۆددىگە ئالغان، جۇڭگو تۆمۈر يول ئىدارىسىنىڭ 1 – چارلاش – لايىھەلەش يۇرتى لايىھەلىگەن، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 22.467 كىلومېتىر كېلىدىغان، مەملىكەت بويىچە 3 – ئۇزۇن تۆمۈر يول تونېلى، شۇنداقلا شىنجاڭدىكى ئەڭ ئۇزۇن تونېل. ئوقۇشىمىزچە، يېڭىدىن قوشۇلغان تۇرپان – كورلا 2 – قۇش لىنىيەسى قوش لىنىيەلىك 1 – دەرىجىلىك ئېلېكتىرلەشكەن تۆمۈريول بولۇپ، مۇساپىسى ھازىرقى تۆمۈر يول مۇساپىسىدىن 123.6 كىلومېتىر قىسقارتىلغان، لىنىيەنىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئەڭ ئېگىز يېرى 2985 مېتىردىن 1480 مېتىرغا تۆۋەنلىتىلىدىكەن، يۈرۈش سۈرئىتى سائىتىگە 160 كىلومېتىر قىلىپ لايىھەلەنگەن، سۆرەش ماسسىسى 1800 توننىدىن 4000 توننىغا كۆتۈرۈلىدىكەن، يىللىق توشۇش ئىقتىدارى ئەسلىدىكى 6 مىليون توننىدىن 50 مىليون توننىغا يەتكۈزۈلىدىكەن. بۇ تۆمۈريول پۈتكەندىن كېيىن، 2 – ئاسىيا – ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلۇق كۆۋرۈكى تونېلىنى بەرپا قىلىش، ‹‹يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى›› نى ئورتاق قۇرۇشتا ئىنتايىن مۇھىم رېئال ئەھمىيەتكە ئىگە بولىدىكەن.
copyright by www.iz.la
