ئۈندىدارغا ئورتاقلىشىڭ|تېلېفوندا كۆرۈڭ
بېيجىڭ ۋاقتى 11–سىنتەبىردىكى خەۋەرگە قارىغاندا ، ‹‹ ئالما ›› شىركىتى iPhone5c ۋە 5s دىن ئىبارەت ئىككى نۇسخىدىكى يېڭى مەھسۇلاتىنى ئېلان قىلغان ، بۇ مەھسۇلاتلار 20-سىنتەبىردىن باشلاپ بازارغا سېتىلىدىغان بولۇپ ، دۆلەت ئىچىدىكى باھاسى ئايرىم–ئايرىم ھالدا 4488 يۈەن ۋە 5288 يۈەن ئىكەن ، جۇڭگو ‹‹ ئالما›› شىركىتى تەرىپىدىن iPhone5c نى ئالدى بىلەن بازارغا سالىدىغان دۆلەتلەر قاتارىغا كىرگۈزۈلگەن . copyright by www.iz.la
iPhone 5c نىڭ iPhone 5 غا ئوخشىمايدىغان يېرى شۇكى ، iPhone 5c قا پولىكاربونات ئىشىلتىلگەن ، ھەمدە ئاق ، ھال ، كۆك ، يېشىل ، سېرىق بەش خىل رەڭدە لايىھەلەنگەن . بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
iPhone 5s ۋە 5c نىڭ ھەر ئىككىسى WCDMA/GSM ۋە CDMA2000 تورى ( ئامېرىكا نۇسخىسىدىكىFDD-LTE ۋەTD-LTE تورى ) نى قوللايدىغان بولۇپ ، iPhone5c نىڭ 16GB ۋە 32GB دىن ئىبارەت ئىككى خىل سىغىمچانلىققا ئىگە نۇسخىسىنى تاللىغىلى بولىدۇ ، بۇنىڭ ئىچىدە 16GB نۇسخىسىدىكىنىڭ سېتىلىش باھاسى 4488 يۈەن ، 32GB نۇسخىسىدىكىنىڭ سېتىلىش باھاسى 5288 يۈەن ئىكەن . iPhone 5s نىڭ 16GB ،32GB،64GB دىن ئىبارەت ئۇچ خىل نۇسخىسى بار بولۇپ ، بۇنىڭ ئىچىدە ، 16GB نىڭ سېتىلىش باھاسى 5288 يۈەن ، 32GB نىڭ سېتىلىش باھاسى 6088 يۈەن ، 64GB نىڭ سېتىلىش باھاسى 6888 يۈەن ئىكەن .
ئىز تورى بەك ياخشى
iPhone5c نى 13-سىنتەبىردىن باشلاپ ئالدىن زاكاز قىلسا بولىدىكەن ، 20 -سىنتەبىردىن باشلاپ رەسمىي سېتىلىدىكەن ، iPhone5s نۇسخىسى 20-سىنتەبىردىن باشلاپ سېتىلىدىكەن ، تۇنجى تۈركۈمدىكى سېتىشقا باشلىغان دۆلەتلەر جەمئىي توققۇز بولۇپ ، بۇلار ئامېرىكا ، ئاۋىسترالىيە ، كانادا ، جۇڭگو ( شياڭگاڭنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ ) فىرانسىيە ، گېرمانىيە ، ياپونىيە ، سىنگاپور ، ئەنگىلىيە قاتارلىقلار ، جۇڭگو ‹‹ ئالما›› شىركىتى تەرىپىدىن iPhone5c نى ئالدى بىلەن بازارغا سالىدىغان دۆلەتلەر قاتارىغا كىرگۈزۈلگەن
ى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى
بىز ھەممىمىز ئىز تورىنى ياخشى كۆرىمىز!
