ئۈندىدارغا ئورتاقلىشىڭ|تېلېفوندا كۆرۈڭ
[باشقلارنىڭ ئەمگكىنى ھۆرمەتلەڭ]
1987-يىلى ئۇ رېژىسسورلۇق قىلغان «مۇھەممەد ھەققىدە پاراڭ» ناملىق فىلىم 1986- 1987-يىللىق رادىئو-كىنو-تېلېۋىزىيە مىنىستېرلىكىنىڭ «مۇنەۋۋەر فىلىم مۇكاپاتى»غا، 8-نۆۋەتلىك «ئالتۇن خوراز» ئالاھىدە مۇكاپاتىغا ئېرىشتى، ماراكەش، ئالجىرىيە قاتارلىق ئىسلام دۆلەتلىرىدە قىزغىن قارشى ئېلىندى ۋە يۇقىرى باھالارغا ئېرىشتى. بۇ فىلىم يۇمۇرلۇق ئۇسلۇبى ۋە پېرسوناژلارنىڭ پائال ئىنتىلىشچان تۇرمۇش پوزىتسىيىسى ئادەمنى ئىختىيارسىز سۈيۈندۈرىدۇ. ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تور
1988-يىلى ئۇ رېژىسسورلۇق قىلغان «غەربي دىياردىكى ئۇسسۇل مەستانىلىرى» ناملىق فىلىم تەڭرىتاغ كىنو ستۇدىيەسىگە ۋەكىل بولۇپ، 1-نۆۋەتلىك جۇڭگو كىنو بايرىمىغا قاتناشتى. بۇ فىلىم ئىلگىرىكى يۇمۇرلۇق ئىپادىلەش ۋاستىلىرىنى داۋاملاشتۇرغان بولۇپ، ۋەقەلىكنى تېخىمۇ قويۇق كومىدىيە تۈسىگە ئېگە قىلىش بىلەن بىرگە، ناخشا-ئۇسسۇلغا بولغان قىزغىنلىق ۋە سەنئەتخۇمار ياشلار ئوتتۇرسىدىكى ساپ مۇھەببەت بايان قىلىنغان.
ئىز تورى بەك ياخشى
فىلىمنىڭ ئاساسلىق رولچىلىرىدىن بىرى ـــ مىرئادىل ئابلىمىت
1989-يىلى ئۇ رېژىسسورلۇق قىلغان «خوشال دۇنيا» ناملىق فىلىم شاڭخەيدە ئۆتكۈزۈلگەن دېھقانچىلىق كىنو بايرىمىدا «مۇنەۋۋەر فىلىم» مۇكاپاتىغا ئېرىشتى. فىلىمدىكى ئاساسلىق پىرسوناژلاردىن ئەسقەر، ئايشەم، ئابدۇللا ۋە مىجا قاتارلىق تۆت ياش ئوتتۇرسىدىكى ئۆز ئارا گىرەلىشىپ كەتكەن سۆيگۈ ۋە نەپرەت بۇ فىلىمدە ناھايىتى ئۇستىلىق بىلەن ئىپادىلەنگەن بولۇپ، ئادەمنىڭ قەلب تارىنى چېكىدۇ. [باشقلارنىڭ ئەمگكىنى ھۆرمەتلەڭ]
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
1990-يىلى ئۇ رېژىسسورلۇق قىلغان فىلىم «ئەزىمەتلەر تانسىخانىسىدىكى ئايال چولپان» ناملىق فىلىم 1991-يىلى خاربىندا ئۆتكۈزۈلگەن قار-مۇز كىنو فېستىۋالىدا «مۇنەۋۋەر فىلىم مۇكاپاتى»غا ئېرىشتى. فىلىمدە تالانتى ئادەمنى قايىل قىلىدىغان بالا باققۇچى قىز گۈلباھارنىڭ تۇرمۇش ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان سەرگۈزەشتىسى ئاساسلىق تېما قىلىنغان بولۇپ، شىنجاڭ ياشلىرىنىڭ تۇرمۇش ۋە سەنئەتنى قىزغىن سۆيىدىغان ئاكتىپ تۇرمۇش پوزىتسىيەسى ۋە يۇمۇرلۇق خارەكتېرى ئۇستىلىق بىلەن ئەكس ئەتتۈرۈلگەن. ى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى
[باشقلارنىڭ ئەمگكىنى ھۆرمەتلەڭ]
-يىلى رېژىسسورلۇق قىلغان «يالقۇنتاغدىن كەلگەن داپچى» فىلىمى 42-نۆۋەتلىك بېرلىن خەلقئارا كىنو فېستىۋالىدا «ئەڭ ئېسىل بالىلار فىلىمى مۇكاپاتى»غا ئېرىشكەن، 1992-يىللىق رادىئو-كىنو-تېلېۋىزىيە مىنىستېرلىكىنىڭ «مۇنەۋۋەر بالىلار فىلىمى مۇكاپاتى»غا، 1992-يىلى خاربىن «قار-مۇز كىنو بايرىمى 2-دەرىجىلىك مۇكاپاتى»غا ئېرىشكەن، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا فىلىمنىڭ سۆرەتكە ئېلىش گۇرۇپپىسىغا يەنە رادىئو-كىنو-تېلېۋىزىيە مىنىستېرلىكى تەرىپىدىن «مۇنەۋۋەر سۆرەتكە ئېلىش گۇرۇپپىسى» دەپ نام بېرىلگەن. بۇ فىلىم يەنە 1993-يىلى مالايسىيا كىنو فېستىۋالىغا قاتناشقان، 1995-يىلى ئامېرىكا چىكاگو كىنو بايرىمىغا قاتناشقان، 1994-يىلى «تۇنجى نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر تېمىسىدىكى كىنولارنى باھالاش مۇسابىقىسى»دە 2-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن. تور دۇنياسىدىكى چاقنىغان يۇلتۇز - ئىز تورى!
www.iz.la
سۈرەتتە: «مۇھەببەت مەستانىلىرى» فىلىمىنىڭ كۆرۈنۈشلىرى
1992-يىلى رېژىسسورلۇق قىلغان «مۇھەببەت مەستانىلىرى»، 1993-يىلى رېژىسسورلۇق قىلغان «جۇشقۇن ياشلىق» فىلىمى ناھايىتى زور ئالقىشقا ئېرىشكەن. بولۇپمۇ «جۇشقۇن ياشلىق» فىلىمىدە چەت ياقىغا جايلاشقان قۇياش كەنتىدىن چىققان سابىر ۋە ئۇنىڭ مەھبۇبىسى گۈلنار، شياڭگاڭدا چوڭ بولغان ئۇيغۇر قىزى بەي مېي ۋە قۇياش كەنتىدىكى يىگىت نىجات قاتارلىقلارنىڭ جۇشقۇن ھېسسىياتى بايان قىلىنغان بولۇپ، بىر توپ ياشلارنىڭ ئىنتىلىشچان تۇرمۇش پوزىتسىيەسى بىلەن فىلىمنىڭ «جۇشقۇن ياشلىق» دىگەن ئىسمى ناھايىتى ماسلاشقان. www.iz.la
copyright by www.iz.la
كىنو ئىشلەش مەزگىللىرىدە گۇاڭ چۇنلەن يەنە سەنئەت ئىجادىيىتىدە توپلىغان تەجرىبىلىرىنى ئەستايىدىل يەكۈنلەپ، زور مىقتاردا سەنئەت پاراڭلىرى يېزىپ، ئاپتونوم رايون ۋە مەملىكەتتىكى ھەرخىل گېزىت-ژورناللاردا ئېلان قىلدى. ئۇنىڭ باشقىلاربىلەن بىرلىشىپ يازغان كىنو سىنارىيەسىدىن 8 پارچىسى كىنو قىلىپ ئىشلەندى. www.iz.la
گۇاڭ چۇنلەن بىر مول ھوسۇللۇق رېژىسسور،«ھەر يىلى بىر كىنو ئىشلەش، ھەر بىر كىنو بىردىن مۇكاپاتقا ئېرىشىش» دىگەن سۈرئەت ۋە سۈپەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، شىنجاڭ كىنوچىلىقىنىڭ تەرەققىياتىغا ئۈچۈن ئۆچمەس تۆھپىلەرنى قوشتى. گۇاڭ چۇنلەن ھازىر دۆلىتىمىزنىڭ تۇنجى شىبە مىللىتىنىڭ ئەنئەنىۋىي مەدەنىيەت فىلىمى «ئوقيا يۇرتىدىكى قىزچاق» فىلىمىگە رېژىسسورلۇق قىلماقتا.
