ئۈندىدارغا ئورتاقلىشىڭ|تېلېفوندا كۆرۈڭ
80-يىللاردىن 90-يىللارغىچە بولغان ۋاقىتلار شىنجاڭ كىنوچىلىق تارىخىدىكى ئالتۇن دەۋر بولۇپ، كۆپلىگەن كىنو ئەسەرلىرى شىنجاڭ ئىچىدىلا ئىنتايىن ياخشى بولغان ئىجتىمائىي ئىنكاسكا ئېرىشىپ قالماي، يەنە دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى خېلى كۆپ كىنو فېستىۋاللىرىدىمۇ مۇكاپاتلارغا ئېرىشتى. مەسىلەن «ئارتىس بولمايدىغان قىز»، «ساھىبجامالنىڭ ئۆلۈمى» قاتارلىق فىلىملەر تىلغا ئېلىنسا ھازىرمۇ كىشىلەر باش بارمىقىنى چىقىرىپ ماختىشىپ كېتىدۇ. مەن ئىز تورىغا بەك ئامراق
ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تور
نۇرغۇن كىشىلەر 90- يىللاردىن كېيىن شىنجاڭ كىنو-فىلىملىرىنىڭ تايىنى قالمىغانلىقىنى، دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدا مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ئەسەرلەرنىڭ ئاساسەن يوقلۇقىنى بايقىدى.
ئادەتتىكى كۆرۈرمەنلەر ئارتىسلارنى كۆپرەك تونۇيدۇ، ئۇلارغا كۆپرەك دىققەت قىلىدۇ. بىراق بىر تۆھپىكار شەخس كەسپداشلىرى ئىچىدە ئىزچىل ھۆرمەتكە سازاۋەر بولۇپ كەلدى، ئۇ دەل گۇاڭ چۇنلەن.
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
تەڭرىتاغ كىنو ستۇدىيەسىنىڭ دۆلەتلىك 1-دەرىجىلىك رېژىسسورى گۇاڭ چۇنلەن ئىلىنىڭ چاپچال ناھىيەسىدىن بولۇپ، مىللىتى شىبە، 1940-يىلى لەنجوۋدا تۇغۇلغان. ئىلگىرى مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى قارىمىقىدىكى ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇغان. 1966-يىلى بېيجىڭ كىنو ئىنىستىتۇتىنىڭ رېژىسسورلۇق فاكۇلتېتىنى پۈتتۈرگەن.
گۇاڭ چۇنلەننىڭ رەسمىي كەسپىي ھاياتى 1979-يىلى شاڭخەي كىنو ستۇدىيەسى سۈرەتكە ئالغان «قارلىقتىكى ئات»، «كۆك ئارخىپ» فىلىملىرىنىڭ سۈرەتكە ئېلىش گۇرۇپپىسىدا ياردەمچى رېژىسسورلۇق ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئېلىشتىن باشلانغان بولۇپ، كېيىن 1980-يىلى نەنجىڭ كىنو ستۇدىيەسىدە رەڭلىك بالىلار فىلىمى «قوزام»غا مۇستەقىل رېژىسسورلۇق قىلغان. ى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى
1981-يىلى تەڭرىتاغ كىنو ستۇدىيەسىگە ۋاقىتلىق يۆتكىلىپ كېلىپ، «بەخت ناخشىسى» ناملىق فىلىمگە رېژىسسورلۇق قىلغان. بۇ فىلىم شىنجاڭ ھازىرقى زامان ئاز سانلىق مىللەت ياشلىرىنىڭ تۇرمۇشىنى ئەكس ئەتتۈرگەن تۇنجى فىلىم بولۇپ، كېرىم، گۇلنار، تۇيغۇن ئۈچ ياش ئوتتۇرسىدىكى دوستلۇق ۋە سۆيگۈنى چۆرىدەپ، چىن مۇھەببەت ۋە تىرىشچانلىققا مەدھىيە ئوقۇپ، شۇ دەۋردىكى بىر ئەۋلات كىشىلەرگە چوڭقۇر تەسىر قالدۇرغان.
ئىز تورى بەك ياخشى
1982-يىلى رېژىسسورلۇق قىلغان «رەنانىڭ تويى» ناملىق فىلىم ئەينى ۋاقىتتا زور غۇلغۇلا قوزغىغان بولۇپ، تۆھپىكارلىق روھى، ساپ مۇھەببەت، چىن دوستلۇق، ۋە ھەرخىل ئوخشىمىغان مال-دۇنيا قارىشى قاتارلىقلار گىرەلەشكەن فىلىم ۋەقەلىكىگە توي ئىشلىرىنى ئاددى-ساددا ئۆتكۈزۈش توغرىسىدىكى تەشەببۇسلار قوشۇلۇپ، فىلىمنى شۇ دەۋرگە زىچ بىرىكتۈرۈپ، كەڭ كۆرۈرمەنلەرنىڭ ياقتۇرۇشى ۋە ئالقىشىغا ئېرىشكەن.
1983-يىلى رېژىسسورلۇق قىلغان «ئارتىس بولمايدىغان قىز» ناملىق فىلىم ئۇنى كەسپىي جەھەتتىن يەنە بىر يۇقىرى پەللىگە ئېلىپ چىقتى.بۇ فىلىم 1984-يىلى مەدەنىيەت مىنىستېرلىكىنىڭ «مۇنەۋۋەر فىلىم شەرەپ مۇكاپاتى»غا ئېرىشتى، 1985-يىلى تۈركىيە ئىستانبۇل خەلقئارا كىنو فېستىۋالىدا «مۇنەۋۋەر فىلىم مۇكاپاتى»غا ئېرىشتى. فىلىمدىكى ئانا بىلەن قىزنىڭ ئوتتۇرسىدىكى ھېسسىيات ناھايىتى جانلىق ئەكس ئەتتۈرۈلگەن بولۇپ، كۆرۈرمەنلەر كۈلۈمسىرەش ئىچىدە ياش تۆكۈپ تۇرۇپ كۆرۈشكەن ئىدى، ھەتتا بۇ كىنونىڭ مەستانىلىرى كىنودا رول ئالغان ئارتىسلارغا بولغان ھېسسىياتىنى ئۆزلىرىنىڭ ئالاھىدە ئۇسۇللىرى بىلەن ئىپادىلىگەن ئىدى. تور دۇنياسىدىكى چاقنىغان يۇلتۇز - ئىز تورى!
1984-يىلى ئۇ رېژىسسورلۇق قىلغان «سىرلىق كارۋان» ناملىق فىلىم «جۇڭگو تۇنجى غەربىي رايون فىلىمى» دەپ ئاتالدى. گۇاڭ چۇنلەننىڭ ئىلگىرىكى ئەسەرلىرىدە شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئىشچان، قىززىقچى مىجەز-خارەكتېرى ئاساسلىق ئەكس ئەتتۈرۈلگەن بولسا، «سىرلىق كارۋان» فىلىمىدىن باشلاپ، گۇاڭ چۇنلەننىڭ يېڭىچە ئىنتىلىشى ۋە ئىزدىنىشلىرىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ. ئۇ بۇ فىلىمدە شىنجاڭغا خاس ئەپسانىۋىي رومانتىكىلىق ۋە سىرلىق كەيپىياتنى تىرىشىپ ئەكس ئەتتۈردىدۇ. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
1986-يىلىنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا ئۇ «ساھىبجامالنىڭ ئۆلۈمى» ناملىق فىلىمگە رېژىسسورلۇق قىلغان بولۇپ، بۇ فىلىم مىسىر-جۇڭگو كىنو ھەپتىلىكىگە ۋە 11- نۆۋەتلىك قاھىرە خەلقئارا كىنو فېستىۋالىغا قاتناشتۇرۇلدى. فىلىمدىكى گۇمانلىق تەشۋىش، قىستۇرما بايان بىلەن تەتۈر بايان، ئادەمنىڭ يۈرىكىنى بوغۇدىغان قىستۇرما مۇزىكىسى قاتارلىقلار كۆرۈرمەنلەرنى فىلىمدىن مېھرىنى ئۈزەلمەس قىلىپ قويىدىغان بولۇپ، بېشىنى كۆرۈپلا قالسا دىققىتىنى بۇراشقا ئامالسىز قالىدۇ.
1986-يىلى ئۇ «يىتىم قىزنىڭ مۇھەببىتى» ناملىق فىلىمگە رېژىسسورلۇق قىلدى. بۇ فىلىم شىنجاڭ ئازات بولۇش ھارپىسىدىكى شىنجاڭنىڭ ئۈچ ۋىلايەت مىللىي ئارمىيەسى بىلەن يەرلىك باندىتلار ۋە گومىنداڭ قالدۇق قىسىملىرى ئوتتۇرسىدىكى كۆرەشنى ئارقا كۆرۈنۈش قىلغان بولۇپ، قازاق قىزى غايىنى تاغدا «باندىت» ئامانغا ئۇچراپ قالىدۇ، ئامان غايىنىنى بىر كۆرۈپلا ياقتۇرۇپ قالىدۇ. بىراق كېيىن غايىنى ئاماننىڭ دوستى، ئۈچ ۋىلايەت مىللىي ئارمىيەسىنىڭ بىر كوماندىرى ئىسكەندەرنى ياخشى كۆرۈپ قالىدۇ. ئامان بىلەن ئىسكەندەرنىڭ زىددىيىتى غايىنىنى تالىشىش بولۇپلا قالماستىن، تېخىمۇ مۇھىمى ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىرى مىللىي ئارمىيە قىياپىتىگە كىرىۋالغان ھەقىقىي باندىت، يەنە بىرى باندىلار بىلەن ئالاقىسى بار ھەقىقىي مىللىي ئارمىيە جەڭچىسى. بىراق غايىنى كىمنىڭ ھەقىقىي ساپ كۆڭۈل ئىكەنلىكىنى بىلەلمەي، بىر مەزگىل قايمۇقۇپ قېلىپ، قىيىن تاللاشقا دۇچ كېلىدۇ. ئەڭ ئاخىرىدا كىمنىڭ ھەقىقىي، كىمنىڭ ساپ دىل ئىكەنلىكى ئېنىقلىنامدۇ؟ غايىنىنىڭ مۇھەببەت تەقدىرى زادى قانداق بولىدۇ؟ قىزىققانلار فىلىمنى ئىزدەپ كۆرۈپ باقسا بولىدۇ.
www.iz.la
