ئۈندىدارغا ئورتاقلىشىڭ|تېلېفوندا كۆرۈڭ

20-ئاۋغۇست، شىنجاڭ تۇرپان شەھىرىنىڭ بۇيلۇق دارۋاز ئۆرپ-ئادەت باغچىسىدا، يەرلىكتىكى داڭلىق كاۋاپچى پەتتار غوپۇرھاجى ئۆز قولى بىلەن ‹‹دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ تونۇر›› دەپ نامى بار بۇيلۇق چوڭ تونۇرىدا بىر قېتىمدىلا 10 پۈتۈن قوينى كاۋاپ قىلىپ، ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان 22-نۆۋەتلىك يىپەك يولى تۇرپان ئۈزۈم بايرىمىغا ئۆزگىچە ‹‹تەم›› كىرگۈزدى. بۇ چوڭ تونۇرنىڭ ئېگىزلىكى سەككىز مېتىر، دىيامېتىرى 10 مېتىر بولۇپ، 2000 كىلوگىرام ئەلا سۈپەتلىك ئىسسىز كۆمۈر، 200 كىلوگىرام ئەلا سۈپەتلىك ياغاچ (ئوتۇن) قالىنىپ، سەككىز سائەت ئالدىن قىزدۇرۇلغاندىن كېيىن، پۈتۈن قويلارنى سېلىپ 3 ~ 5 سائەت قاقلاش ئارقىلىق بۇ مەززىلىك كاۋاپلار تەييارلانغان.
www.iz.la
مەنبە. تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
