app دېتالى
تەۋىسسيەلىك

دىئابېت كېسلىگە گىرىپتار بولغۇچىلار ئۈچىنى تولۇقلاپ تۇرىشى كېرەك

ۋاقتى:2013-08-05 10:55مەنبە: يوللىغۇچى:گۈزەلنۇر چېكىلىشى:قىتىم

ئۈندىدارغا ئورتاقلىشىڭ|تېلېفوندا كۆرۈڭ

QR code

 

تور دۇنياسىدىكى چاقنىغان يۇلتۇز - ئىز تورى!

دىئابېت كېسېلىنى داۋالاش جەريانىدا،كىشىلەر يېمەك-ئىچمەك جەھەتتە تىزگىنلەش لازىملىقىنى بەكرەك تەكىتلەپ،بىمارنىڭ يېمەكلىك جەھەتتە تولۇللاپ تۇرۇشىغا سەل قارايدۇ،شۇنىڭ بىلەن،بۇ كېسەلگە گىرىپتار بولغان بىر مۇنچە كىشىلەر ناھايىتى غورىگۈل كۈن ئۆتكۈزۈش كېرەك ئىكەن.دەپ قالىدۇ،ئەمەلىيەتتە،دىئابېت كېسىلىگە گىرىپتار بولغۇچىلار يېمەكلىك تولۇقلاپ تۇرۇش باشقا ئەگەشمە كېسەللىكلەرنىڭ پەيدا بولۇشىنى تىزگىنلەشكىمۇ پايدىلىق.

ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

1.خىرومنى تولۇقلاش كېرەك.خروم ئادەم بەدىنى ئېھتىياجلىق بولغان مىكرو ئېلېمېنت بولۇپ،ئادەم بەدىنىدىكى بىر مۇنچە فىزىئولوگىيلىك ئىقتىدارلارنىڭ ئورۇندىلىنىشى،بولۇپمۇ كاربون سۇ بىرىكمىسىنىڭ ئالمىشىشى ئۈچۈن مۇھىم رول ئوينايدۇ،تەتقىقات نەتىجىلىرىدىن قارىغاندا،خروم نىكوتىن كىسلاتاسى ۋە باشقا بەزى ئېلېمېنتلار بىلەن بىرلىشىپ گلۇكوزىغا چىداشلىق ئامىللارنى ھاسىل قىلىدىكەن،ئۇ ئىنسۇلىننىڭ ياردەمچى ئامىلى بولۇپ،ئىنسۇلىننىڭ ئىقىتىدارىنى ئاشۇرۇپ، ئورگانىزمنىڭ گىلوگوزىنى قوبۇل قىلىشىنى تېزلەشتۈرىدۇ،كلىنكىلىق تەكشۈرۈشلەردىن قارىغاندا،خروم كەمچىل بولغان ياشانغان كىشىلەردە ئاسانلا دىئابېت كېسىلى پەيدا بولىدىكەن،ئورگانىزمدا خوروم تەركىبى بولسىمۇ،بەكمۇ تۈجۈپىلەپ ياسالغان بىر قىسىم يېمەكلىكەلردە خروم يوق دېيەرلىك بوىلدۇ،ھايۋانلارنىڭ جىگىرىدە قالپاقلىق زەمبۇرۇغ،كاللەكسەي،ماش،دېڭىز مەھسۇلاتلىرى قاتارلىقلارنىڭ تەركىبىدە خروم كۆپرەك بولغاچقا،بىمارلار مۇۋاپىق يوسۇندا تاللاپ ئىستېمال قىلىسا بولىدۇ. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

2.ماگىنىينى تولۇقلاش كېركە.دىئابېت كېسىلىگە گىرىپتار بولغۇچىلارنىڭ كۆرۈش پەردىسىدىكى ئۆزگىرىش ئەما بولۇپ قېلىشنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى ھېسابلىنىدۇ،دىئابېت كېسىلنىڭ يۈرەك قان تورمۇلىرى كېسىلىنى پەيدا قىلىشى ئاشۇ كېسەل بىلەن ئۆلۈپ كېتىش ھادىسىنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى بولىدۇ،يېڭى تەتقىقاتلار شۇنى چۈشەندۈرىدۇكى،ماگنىي كەملىكى يۇقىرىدىكى ئەگەشمە كېسەللىكلەرنىڭ پەيدا بولۇشى بىەلن زىچ مۇناسىۋەتلىك ئىكەن،تېببىي خادىملار بىمارلارغا قان تەركىبىدىكى شېكەر ماددىسىنى تۆۋەنلىتىشنى تاپىلاش بىلەن بىر ۋاقىتتا،ماگىنىينى تولۇقلاشقىمۇ سەل قارىماسلىقى كېرەك،بۇنداق قىلىش دىئابېت كىسىلىنىڭ ئەگەشمە كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشىنى ئازايتىش ۋە ئۆلۈم ھادىسىسىنى تىزگىنلەشتە سەل قاراشقا بولمايدىغان تەدبىردۇر،قارا ئاشلىق،ماش-پۇرچاق تىپىدىكى ئاشلىقلەر،قاتتىق شاكاللىق مېۋىلەر ۋە يېشىل يوپۇرماقلىق كۆكتاتلاردا ماگىنىي تەركىبى كۆپرەك بولىدۇ، ئۇلارنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىش پايدىلىق،قاتتىق سۇنى ئىستېمال قىلىشىمۇ ئەگەشمە كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا پايدىلىق. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

3.كالتىسىينى تولۇقلاش  كېرەك،ئادەتتىكى كىشىلەردىمۇ ئاسانلا كۆرۈلىدىغان سۆڭەك شالاڭشىپ كېتىش كېسىلى دىئابېت كېسىلىگە گىرىپتار بولغۇچىلاردا تېخىمۇ ئېغىر بولىدۇ،شېكەت تەركىبىنىڭ ئۇزاقلارغىچە يۇقىرى بولۇۋېرىشى سۈيدۈكنى تولىمۇ راۋانلاشتۇرۇۋېتىپ،ناھايىتى كۆپ مىقىداردىكى كالتىسىي ماددىسىنى سۈيدۈك ئارقىلىق چىقىرىۋېتىپ،قان تەركىبىدىكى كالتىسىينى ئازايتىۋېتىدۇ،شۇنىڭ ئۈچۈن،دىئابېت كېسىلىگە گىرىپتار بولغۇچىلار چېنىقىشنى كۈچەيتىپلا قالماي،كالتىسىينى قوبۇل قىلىشنى كۆپەيتىپ بىرىشىكىمۇ دىققەت قىىلش كېرەك. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

ئادەتتە تەركىبىدە كالتىسىي مولراق بولغان كالا سۈتى سۆڭەك  شورپىسى،دېڭىز مەھسۇلاتلىرى،باقلا قاتارلىق يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلىپ تۇرۇشى كېرەك. ئىز تورى بەك ياخشى

مەنبە؛ساغلاملىق سوۋغىسى

بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

ياخشىكەن
(0)
0%
ئالقىشلايمەن
(0)
0%
ئىنكاس يېزىش ھەممە ئىنكاسلار
ئاممىۋى تور ئەخلاقىغا رىئايە قىلىڭ، تەستىقلانغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ.IPخاتىرلىنىدۇ.
باھا:
يىقىنقى ئىنكاسلار ھەممە ئىنكاس