1. رەھمەت ئېيتىشقا تېگىشلىك بولمىغان ۋاقىتتا رەھمەت ئېيتىش
بەزى قىز - يىگىتلەر مۇھەببەتلىشۋاتقان ۋاقتتا ئۆزىنى بەخىتلىك ھېس قىلىپ، قارشى تەرەپنى ئۆزىگە بەخىت ئاتا قىلىدى ،دەپ ئويلاپ رەھمەت ئېيتىماقچى بولىدۇ.
شۇنى بىلىش كېرەككى ،مۇھەببەت خەير- ساخاۋەت ئىشلىرى ئەمەس، سىز قارشى تەرەپكە رېستوران مۇلازىمەتچىلىرىگە رەھمەت ئېيتىقاندەك پوزىتسىيدە بولماسلىقىڭىز كېرەك.
2. تىلغا ئالمىسىمۇ بولىدىغان ئىسىملارنى تىلغا ئېلىش
بىر قىسىم قىزلار سەمىمىيلىكىنى گۈزەل ئەخلاق ھېسابلاپ،گۈزەل مىنۇتلاردا ئۆزى بىلەن ئىلگىرى ئارىلاشقان يىگىتلەرنى تىلغا ئالىدۇ.شۇنى ئويلىشىڭىز كېرەككى،سىز مۇھەببىتىم ئىنتايىن مۇستەھكەم دەپ ئويلىسىڭىزمۇ،شۇنىڭدىن ئىتىبارەن يىگىتىڭىز سىزنى كۆرگەن ھامان ئىلگىرى سىز بىلەن ئارلاشقان باشقا يىگىتلەرنى كۆز ئالدىغا كەلتۈرىدۇ.
3. قارشى تەرەپنىڭ پىكىرىگە سەل قاراش
بەزى قىز - يىگىتلەر ئاشخانىلارغا كىرگەندە بىر - بىرسىگە ئىنتايىن ئىجىل ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن، قارشى تەرپتىن سوراپمۇ قويماي ئۆز ئالدىغا تاماق بۇيرۇتىدۇ،ھەمدە ئاغزى- ئاغزىغا تەگىمەستىن ،مەن سىزنىڭ بۇنى يېيىشنى ياقتۇرمايدىغانلىقىڭىزنى بىلىمەن ، مېنىڭچە سىز بۇ تاماققا بەك ئامراق دېگەندەك سۆزلەرنى قىلىدۇ.ئۆزىڭىزگە ئۇنىچىۋالا ئىشىنىپ كەتمەڭ.ئۆزىڭىزنىڭ پىكرىنىڭ توغرلىقىغا چەكسىز ئىشەنگەن تەقدىردىمۇ يەنە بىر قېتىم سوراپ كۆرگەننىڭ يامىنى يوق ، مۇنداق قىلسىڭىز ئۆزىڭىزنىڭ ئارلىشىش يولىنى توسۇپ قويسىز.
4. ئاسان قىزىپ، ئاسان سوۋۇش copyright by www.iz.la
ئەمدىلا تونۇشقان مەزگىلىڭىزدە ،ئېرىشىپ بولدۇم،دەپ ھېسابلاپ،مۇھەببەتنى بىر ياققا قايرىپ قويۇپ،باشقا ئىشلار بىلەن ئالدىراش بولۇپ كېتىش مۇھەببەتنىڭ قەبرىگاھىدۇر.
5. بۇيرۇقۋازلىق قىلىش
ئېسىڭىزدە بولسۇنكى، سىز ئۇنىڭ باشلىقى ئەمەس ياكى باشلانغۇچ مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچىسىمۇ ئەمەس.چوڭ - كىچىك ئىشلارنىڭ ھەممىسىدە يول كۆرسىتىپ،قانداق قىلىش قانداق يېيىشتىن تارتىپ ئۆگىتىپ يۈرسىڭىز ئېنىقكى،بىر كۈنلەردە ئۇ بەرداشلىق بېرەلمەيدۇ - دە،سىزگە پەقەت مەڭگۈلۈك ئەسلىمىلا قالىدۇ، خالاس.
6. ھەر ۋاقىت ئانچە - مۇنچە ماختاپ قويۇشنى ئونتۇپ قېلىش
گەرچە بۇ كىيىم سىزگە ناھايىتى يارشىپتۇ دېگەندەك سۆزلەر ئادەتتىكى سۆز بولسىمۇ،لېكىن ئالاھىدە كۈچكە ئىگە بولۇپ،ۋىجدانىڭىزغا مۇناسىپ كەلمەيدىغان ھېچقانداق يېرى يوق.
7. ئۆزى ياقتۇرىدىغاننى باشقىلارغا زورلاپ تېڭىش
ھەممىلا ئادەمنى ئۆزىڭىزگە ئوخشاش ،دەپ قاراپ ئۆزىڭىزنىڭ قىزىقىشىڭىز،ئارزۇ- ھەۋەسلىرىڭىزنى باشقىلارغا زورلاپ تاڭماڭ.ئۆزىڭىزنى زىيادە ئەقىللىق چاغلاپ مېنىڭچە بۇ قارشى تەرەپكە خۇشاللىق ئېلىپ كېلىدۇ دېگەندەك ئىشلارنى قىلماڭ.
8. قارشى تەرەپنىڭ قانداق ھېسسىياتتا ئىكەنلىكىنى بىلىشتىن قورقۇش
نۇرغۇنلىغان ئاياللار ئەرلەرنىڭ نېمىنى ياخشى كۆرىدىغانلىقنى بىلىش كېرەك، دەپ ئويلايدۇ.ئۇنداقتا خاتالاشقان بولىسىز،ئىشەنمىسڭىز قارشى تەرەپكە بىر قۇر كىيىم ئالدۇرۇپ كۆرۈپ بېقىڭ.ئالغان كىيىمنى سىز ياقتۇرامسىز ياقتۇرمامسىز.
دېمەك : نۇرغۇنلىغان ئىشلار سوراش ئارقىلىق شەكىللىنىدۇ.
9. ئۆزىنى چەكلەپ تۇرماسلىق
ئۆزىڭىز ياخشى كۆرىدىغان تائامنى كەينى- كەينىدىن يەۋەرسىڭىز ، ئانچە تېتىماسلىقى مۇمكىن.ئىككى تەرەپنىڭ كۆرۈشكەن ۋاقىتلىرىمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشايدۇ.
10. تېلېفون قائىدىلىرىگە سەل قاراش
مەيلى ئۇ سىزگە تېلېفون قىلسۇن ياكى سىز ئۇنىڭغا تېلېفون قىلىڭ،چوقۇم ۋاراڭ - چۇرۇڭ بولمىغان ، تېنچ ، ئازادە ۋاقتىنى تاللاڭ.بولمىسا خاتا تويغۇ بېرىپ قويسىز.
11. تەسەۋۋۇر قىلىش كۈچى ئاجىز بولۇش
تەسەۋۋۇر خىلمۇ - خىل بولىدۇ.ئالايلۇق، سىز ئۇنىڭغا يېنىككىنە يۆلەنگەن ۋاقتىڭىزدا دۈمبىسىگە مۇھەببەتنىڭ سىمۋولى بولغان يۈرەكنىڭ شەكلىنى سىزىپ قويۇشتەك خىيالى تۇيغۇ، تەسەۋۋۇرلارنى پەيدا قىلسىڭىز كۈندىلىك تۇرمۇش رىتىمىغا خۇشاللىق بېغىشلايدۇ.لېكىن ھەرگىزمۇ بىزارلىق كەيپىياتى شەكللىنىپ قالمىسۇن.
12. مۇھەببەت ئۈچۈن ئۆزىنى يوقىتىپ قويۇش
بەزىلەر مۇھەببەتلەشكەندىن كېيىن ،رومانتىك مۇھەببەت قاينىمىغا چوڭقۇر چۆكۈپ، بىر- بىرىدىن ئايرىلىشقا كۆزى قىيماي قالىدۇ.بىلىشىڭىز كېرەككى،بۇ ھەرگىزمۇ كىنو ئىشلەش ئەمەس.مۇھەببەتنى ئالدىراپ تۇنجۇقتۇرۇپ قويماڭ.
13. بىر ئادەم ئىككى ئادەمنىڭ ئىشىنى قىلىش
بەزىلەر قارشى تەرەپنى خۇشال قىلىشقا ناھايىتى ئالدىرايدۇ- يۇ، قارشى تەرەپ بىر ئىشنى ئويلاپ بولغۇچە ئۇنىڭ ئۈچۈن بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى قىلىپ بولىدۇ.بۇ تۇلىمۇ ھەددىدىن ئېشىپ كەتكەنلىك.قارشى تەرەپ ئۆز دائىرسىدىكى ئىشلارنى ئۆزى قىلىشى كېرەك.زىيادە كۈتۈشمۇياخشى ئاقىۋەت ئېلىپ كەلمەيدۇ www.iz.la
