ئەر – خوتۇنلۇق مۇناسىۋەت كىشىلىك مۇناسىۋەتلەر ئىچىدىكى ئەڭ يېقىن مۇناسىۋەتلەردىن بىرى ھەمدە بارلىق مۇناسىۋەتلەر ئىچىدىكى ئەڭ مۇرەككەپ ، تىرىشچانلىق كۆرسىتىشكە ئەڭ مۇھتاج مۇناسىۋەت . چۈنكى ئىككى كىشىنىڭ تويدىن ئىلگىرىكى تۇرمۇشى بىر خىل ئاددىي ھالەتتە ئۆتكەن بولسا ، تويدىن كېيىن مۇرەككەپلىشىپ بارىدۇ . ئۆزىدىكى ۋە ئەتراپىدىكى ھەر قانداق ھەر قانداق بىر شەيئى ئەر – خوتۇنلار مۇناسىۋىتىگە بىۋاستە ياكى ۋاسىتىلىك تەسىر كۆرسىتىدۇ . بۇ خىل ئەھۋال ئاستىدا مۇھەببەت ئەسلىدىكى يۇقىرى پەللىدىن ئاستا – ئاستا تۆۋەنلەپ ، – ، – پەللىگە چۈشۈپ قالىدۇ . شۇنىڭ بىلىن تويدىن بۇرۇنقى كۆيۈمچان يىگىت تويدىن كېيىن كەسىپ ۋە خىزمەتنىڭ بېسىمى بىلەن خوتۇنىغا ئانچە كۆيۈنمەيدىغان بولۇپ قېلىشى مۇمكىن. تويدىن ئىلگىرى چىرايلىق ياسىنىپ يۈرۈيدىغان قىز تويدىن كېيىن ئۆزىنى تۈزەشكە ئانچە ئەھمىيەت بەرمەيدىغان بولۇپ قېلىشى مۇمكىن . بۇ خىل ئۆزگىرىشنى ئەندىشىسىز تۇيغۇ بىلەن قوبۇل قىلىش مۇھىم بۇ خىل ئۆزگىرىشلەرگە نىسبەتەن توغرا چۈشەنچىدە بولۇش ، يەنى بۇ خىل ئۆزگىرىشنىڭ ھەرگىز مۇھەببەتنىڭ يوقىلىپ كېتىۋاتقانلىقىدىن ياكى ھېسسىياتنىڭ سۇسلىشىۋاتقانلىقىدىن ۋە ياكى قارشى تەرەپنىڭ ئۆزىنى ياخشى كۆرمەيدىغان بولۇپ قالغانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدىغانلىقىنى بىلىش كېرەك . بۇ ئۆزگىرىشلەر پەقەتلا تۇرمۇشنىڭ بىر بۆلىكى ھەمدە ئەر – خوتۇنلار مۇناسىۋىتىنىڭ ئاشىق – مەشۇقلۇقتىن ھەمراھلىق باسقۇچىغا ئۆتۈشتەك تەبئىي يۆنىلىشى بولۇپ ، قايتا ماسلىشىشنىڭ تۇنجى قەدىمىدىن ئىبارەت .
ئىز تورى بەك ياخشى
خېلى كۆپ قىز – يىگىتلەر مۇھەببەت ھەممىنى بەلگىلەيدۇ ، دەپ قارايدۇ . ئۇنداق بولغاندا ئائىلە تۇرمۇشىدا پەقەت مۇھەببەتكىلا تايىنىپ بەخىتلىك بولۇش مۇمكىن ئەمەس . ئەمەلىيەتتە تۇرمۇشتا مۇھەببەتكە تاينىش كۇپايە قىلمايدۇ ، ئۇنىڭ ئۈستىگە نۇرغۇن ئادەمنىڭ نەزىرىدىكى ئۆزىگىمۇ ئانچە ئېنىق بولمىغان بىر خىل يېقىنلىق ۋە ئېھتىياجغا رومانتىك خىيال بولىدۇ . ئەر – خوتۇنلار مۇناسىۋىتىدە ئۆزگىرىش يۈز بەرگەندە تەبئىي ھالدا قاتتىق ئۈمىدسىزلىنىش كېلىپ چىقىدۇ .
ئەگەر ئەر – خوتۇنلار ئارىسىدا يېقىنلىق ، مۇھەببەت ۋە بېقىندىلىقتىن باشقا دوستلۇق ھېسسىياتى بولغاندا ، يەنى ئەر – خوتۇنلار بىر – بىرىگە دوستلاردەك مۇئامىلە قىلغاندا ، مۇناسىۋەتتە جەزمەن تېخىمۇ مۇكەممەللىك ۋە ئىناقلىق بارلىققا كېلىدۇ . دوستلۇقنىڭ بىر ئالاھىدىلىكى —ئۇ ئۆز ئارا قاتتىق تەلەپ قويمايدۇ ، بەكمۇ بېقىندا بولۇپ كەتمەيدۇ ، ھېسسىيات ئالماشتۇرۇش بىر قەدەر ئاسان ، ئىسكەنجە ئاز بولىدۇ . ھەقىقىي دوستلارنىڭ مۇئامىلىسى ھامان بىر خىل بولىدۇ . چىن دوستلارنىڭ كۆڭۈل –كۆكسى كەڭ بولىدۇ . ئۇششاق ئىشلار بىلەن ھېسابلاشمايدۇ ، بىر – بىرىنى كونترول قىلمايدۇ ، مانا بۇ ئەر –خوتۇنلار مۇناسىۋىتىدە ئەڭ ئېھتىياجلىق بولغان ھەم ئەڭ ئاسان سەل قارىلىدىغان مەسلە . copyright by www.iz.la
بىر –بىرىنى دوست قاتارىدا كۆرۈش ئەر –خوتۇنلار مۇناسىۋىتىدە چوقۇم ئۆگىنىشكە تېگىشلىك ئىش . بۇ ئەر –خوتۇنلار ئوتتۇرىسىدىكى ھېسسىياتنى تېخىمۇ كۈچەيتىپلا قالماي ، بەلكى كىشىگە ئەبەدىي ئۇنتۇلغۇسىز تۇيغۇلارنى ئاتا قىلىدۇ . ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!