دۇنيادا يەنە مۇنداق بىر توپ كىشىلەر بار ، ئۇلار ئافرىقىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدا ياشايدۇ ، ئۇلارنىڭ جۇغى كىچىك ، بېشى يوغان، پۇتى قىسقا ، بۇرنى يايپاڭ بولۇپ ، ئۆزگىچە تۇرمۇش ئۇسۇلى بار ـــ ئەرلەر ئوۋ ئوۋلايدۇ ، ئاياللار چوغ ساقلايدۇ (يەنى ئوت تۇتاشتۇرۇشقا ئىشلىتىلىدىغان چوغنىڭ ئۆچۈپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ ) ، پۈتۈن ئۇرۇقتىكىلەرنىڭ ھەممىسى قومۇش كەپىدە تۇرىدۇ ، سەككىز يېشىدىن باشلاپلا پەرزەنت كۆرىدۇ ، بىراق ئاران 30 ~ 40 ياش ئۆمۈر كۆرىدۇ... بۇلار دەل پىگمىلاردۇر . ئۇلار ئۆزىنى ‹‹ئورمان ئوغلى ›› دەپ ئاتايدۇ . ئىز تورى بەك ياخشى 
 
   پىگمىلار ئوتتۇرا ئافرىقا رايونىنىڭ ئەڭ بۇرۇنقى ئاھالىسى ، تارىختىن بۇرۇنقى سانگا مەدەنىيىتىنىڭ ۋارىسلىرى . ھازىر كونگو ، ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇرىيىتى ، بۇرۇندى ، رۋاندا ، ئۇگاندا قاتارلىق دۆلەتلەردىكى قويۇق ئورمانلاردا ياشاۋاتىدۇ . قۇرامىغا يەتكەن پىگمىلارنىڭ بوي ئېگىزلىكى 1.2 ~ 1.3 مېتىرغىچە بولىدۇ ، ئەڭ ئېگىزلىرىنىڭمۇ 1.4 مېتىردىن ئاشمايدۇ ، تەن ئېغىرلىقىمۇ 50 كىلوگىرامدىن ئاشمايدۇ . ئۇلارنىڭ جۇغى كىچىك ، بېشى يوغان ، پۇتى قىسقا ، بۇرنى يايپاڭ ، تېنى ئورۇق بولۇپ ، ھەممىسىنىڭلا يوغان قورسىقى تومپىيىپ تۇرىدۇ . تېرىسىنىڭ رەڭگى قارا تەنلىكلەرنىڭكىدىن سەل سۇسراق بولۇپ، سۇس قوڭۇر رەڭدە ، چېچىمۇ باشقا قارا تەنلىكلەرنىڭكىدەك ئۇنداق بۈدۈر ئەمەس ، شۇڭا ئېغىر كەمسىتىشكە ئۇچرايدۇ . تا بۈگۈنكى كۈندىمۇ ، كونگولۇقلار بىرسىنىڭ كالۋالىقىنى مەسخىرە قىلغاندا ، ھېلىمۇ ‹‹مانبۇت›› (سىۋاشىل تىلىدا پىگمى دېگەن مەنىدە) دەيدىكەن .
   
   گەرچە ئۇلارنىڭ جۇغى كىچىك بولسىمۇ ، بىراق قالتىس ئوۋچىلاردۇر . ئۇلارنىڭ ئاڭلاش ۋە پۇراش سېزىمى ئىنتايىن يۇقىرى. ئادەتتە ئەرلىرى سىرتقا چىقىپ ئوۋ ئوۋلايدۇ ، ئاياللىرى ياۋا مېۋە ۋە دەرەخ يىلتىزلىرىدىن يېمەكلىك تەييارلايدۇ . ئۇلار يېمەكلىكلەرنى پىشۇرۇپ يەيدۇ ، خېلى بۇرۇنلا ئوتتىن پايدىلىنىشنى بىلگەن ، بىراق چوغنى قانداق ساقلاشنى بىلمەيدۇ، شۇڭلاشقا چوغ ساقلاش ئاياللارنىڭ مۇھىم كۈندىلىك خىزمىتى ھېسابلىنىدۇ . پىگمىلارنىڭ ئادەتتە 8 ~ 9 ياش چاغلىرىدىلا فىزىئولوگىيەلىك ئىقتىدارى پىشىپ يېتىلىپ ، جىنسىي تۇرمۇش ئۆتكۈزۈشنى باشلايدۇ ھەمدە پەرزەنت كۆرىدۇ . ئۇلار بىر ئەر بىر خوتۇنلۇق تۈزۈمنى يولغا قويغان بولۇپ ، ئون نەچچە ياكى نەچچە ئون ئائىلە بىر قەبىلىنى شەكىللەندۈرىدۇ . ئەمگەك مېۋىلىرى تەڭ تەقسىملىنىدۇ ، ئۇرۇقداشلىق جەمئىيىتى شەكلىدە ياشايدۇ .
   
   پىگمىلارنىڭ تىلى بار ، يېزىقى يوق ، ئۇلاردا سان ۋە ۋاقىت ئۇقۇمىمۇ يوق ، شۇڭا ئۆزلىرىنىڭ يېشىنىمۇ بىلمەيدۇ. مۆلچەرلىنىشىچە ، ئۇلارنىڭ ئۆمرى 30 ~ 40 ياش ئارىلىقىدا بولىدىكەن . ئۇلار ئورماننى ھەممىگە قادىر ئاتا-ئانا دەپ قارىغاچقا، دەل-دەرەخلەرنى خالىغانچە كېسىشكە يول قويمايدۇ ، پەقەت دەرەخلەر تەبىئىي قۇرۇپ كەتكەندىن كېيىنلا ، ئوتۇن قىلىپ تاماق ئېتىدۇ .
 ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تور 
 copyright by www.iz.la 
 ئىز تورى بەك ياخشى 
 تور دۇنياسىدىكى چاقنىغان يۇلتۇز - ئىز تورى! 
 ئىز تورى www.iz.la 
 
ئىز تورى www.iz.la
 
 بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن 
 
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
 
 
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!