بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
گىرمانىيەنىڭ باۋارىيە ئىشتاتىدىكى 64 ياشلىق بىر ئايال قورساقنى يىرىش ئوپراتسىيەسى قىلدۇرۇش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ تۇنجى بالسىنى تۇغدى ،بۇنىڭ بىلەن گىرمانىيە بويىچە بالا تۇغالىغان ئەڭ چوڭ ياشلىق ئايال بولۇپ قالدى .
گىرمانىيە <<ئەينەك >>ھەپتىلىك ژۇرنىلىنىڭ خەۋرىگە قارىغاندا .بۇ ئايال 2007 -يىل 11-ئاينىڭ 29-كۈنى ئىغىرلىقى ئىككى كىلوگرامچە كىلىدىغان بىر ساغلام قىز تۇققان ،ئۇ 52 ياشلىق بىر ئايال تەقدىم قىلغان تۇخۇمغا ئىرىشكەندىن كىيىن ھامىلدار بولغان ،ئۇرۇق بولسا ئۇنىڭ 64 ياشلىق ئرىنىڭ ئىكەن .
بۇنىڭدىن ئىلگىرى ،دۇنيا بويىچە چوڭ ياشلىق ئاياللارنىڭ بالا تۇغۇش رىكورتىنى 2006 -يىلى 64 يىشىدا قوشكىزەك تۇققان ئىسپانىيەلىك بىر ئايال ياراتقانىدى .
ئىز تورى www.iz.la