
مۇراجەتنامە
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك تورداشلار ياخشىمۇ سىلەر:
بىزنىڭ بىر ئىنىمىز بار ئىدى، ئۇ ئىلگىرى يەتتە ئەزايى ساق - سالامەت بىجىرىم ئىدى، بىراق 10 يىلدىن ئاشتى رەھىمسىز تەقدىر ئۇنىڭغا تۇتقاقلىق كېسىلنى سالدى، ئۇنى داۋالىتىش ئۈچۈن خىلى ئىقتىسادىمىزىدىن ئايرىلدۇق. سەكسەن ياشتىن ئاشقان ئانىمىز ئىغىر كېسەل ئىدى، ئانىمىز تاماقتىن قىلىپ بەش كۈن بولغاندا بىز پەرزەنىت ۋە نەۋرە- چەۋىرلىرى ھەممىمىز رازىلىق بىرىپ يىغا - زار قىلىشىپ تۇرۋاتقاندا بۇ ئىشلار ئىنىمىزنىڭ كاللىسىغا قاتتىق تەسىر قىلىپ كېسلى قوزغۇلۇپ 2012- يىلى 1- ئاينىڭ 2- كۈنى كىچىدە كونتروللىقىنى يوقۇتۇپ يۇقىرى بىسىملىق توك سىمىنى تۇتىۋىلىپ بىر قولى جەينىكىدىن ئۈزۈلىپ سىمىدا قالغان ئىدى، ناھىيىلىك دوختۇرخانىغا ئىلىپ بارغاندىن كىيىن دوختۇرلار ھاياتىدىن ئۈمۈد يوق دەپ، قەشقەر ۋىلايەتلىك 12- دوختۇرخانىغا بۇيرىغان ئىدى، شۇ دوختۇرخانىغا ئىلىپ بارغاندىن كىيىن ھاياتىنى ساقلاپ قىلىش مەقسىتىدە ھەر ئىككىلىي قولىنى مۆرىسىدىن كېسىپ ئىلىۋەتكەن، توك سوقۇش ئەھۋالى بەك ئىغىر بولغاچقا ھازىر ئىككى پۇتىنىمۇ كېسىپ ئىلىۋەتمەكچى بولۋاتىدۇ، ھازىرغا قەدەر داۋالىتىش ئوپىراتىسيە قىلىش خىراجىتىگە 50 مىڭ يۈەندىن كۆپرەك پۇل كىتىپ بولدى، بىز داۋالىتىش خىراجىتىنى تاپشۇرۇشقا ئامالىسىز قىلىۋاتقان چاغدا ئىسىمىنى ئاشكارلاشنى خالىمايدىغان ياخشى نىيەتلىك بىر كىشى 2000 يۈەن ياردەم قىلدى. ئانىمىز ھەم ئىنىمىزنى داۋالىتىش خىراجىتى ئۈچۈن كۆپ قىينىلىپ، ئىنىمىزنىڭ پۇتىنى ئوپىراتسىيە قىلدۇرۇش ۋە بۇنىڭىدىن كىيىنىكى داۋالىنىشلىرىغا پۇل تۆلەشكە ئامالىسىز قالدۇق. كەڭ تورداشلارنىڭ بۇ مۇراجەتنامىنى كۆرگەندىن كىيىن ساخاۋەتلىك قولىنى سۇنۇپ ئىنىمىزنىڭ ھاياتلىق شامىنىڭ ئۆچۈپ قالماسلىقىغا ياردەم بىرىشنى سورايمىز.
تۆۋەنچلىك بىلەن مۇراجەت قىلغۇچىلار: مەمەتتۇرسۇن ئوسمان، ئابدۇراخمان ئوسمان، ئىنىمىز ئابدۈشكۈر ئوسمان.
ئالاقىلىشش تېلېفۇن نۇمىرى: 18742821228
كارتا نۇمۇرى: 6222023012009074149