
ئادەم ھاياتىدا زۆرۈر بولغان نەرسىلەردىن يېمەك - ئىچمەكىتىن قالسا كىيىم- كېچەك موھىم ئۇرۇندا تۇرىدۇ . ئادەم ھاۋا كىلىماتى ۋە ئىسىق -سوغۇق پەسىل شارائىتىغا قاراپ ، مۇۋاپىق كىيىم كيىشكە ئېتىبار بەرمىسە ، ھەرخىل كېسەللىكلەرگە ئاسانلا گىرىپتار بولۇپ قالىدۇ . بولۇپمۇ سوغۇق پەسىلدە ياكى سوغۇق كۈنلەردە شۇنىڭىغا مۇۋاپىق كىيىم كىيمىگەندە ئاسانلا زۇكام ، يۆتەل ، زاتىل ، مۇپاسىل قاتارلىق كېسەللىكلەرگە مۇپتىلا بولۇپ قالىدۇ .
ئىز تورى بەك ياخشى
كىيم -كېچەكلەرنىڭ سۈپتىمۇ سالامەتلىك بىلەن مۇناسۋەتلىك ، مەسلەن : يېپەك كىيىمىنىڭ بەدەن ھارارىتىنى تارتىش ، بەدەننى سوۋۇتۇش تەسىرى بار . يۇڭ كىيىملەرنىڭ بەدەن ھارارىتىنى تارقاتماي ساقلاپ قېلىش خۇسۇلسىيىتى بار . يىپەك پاختىدىن ئىشلەنگەن كىيىملەرنىڭ تەرنى سۈمۈرۈش رولى بولىدۇ . شۇڭا يېپەك پاختا يىپىتىن توقۇلغان كىيىملەرنى كىيىش كېرەك . ئىسىق كۈنلەردە كىيىم - كېچەكىنىڭ رەڭگىگىمۇ دىققەت قىلىش كېرەك . ياز كۈنلىرى ئاق رەڭلىك كىيىملەرنى كىيگەندە . كۈنى نۇرنى قايتۇرىدۇ ، ئاق رەڭىدىن قالسا توپا رەڭ ، ئەت رەڭ ، سېرىق رەڭلىك كىيىملەرنى كىيىش پايدىلىق .
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
مۇھىمى كىيىم -كېچەكلەر پاكىز بولۇش زۆرۈر . چۈنكى كىيىم -كېچەكلەرنىڭ مەينەتلىكى ئىنسانلارنىڭ سالامەتلىكىگە بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدۇ . شۇڭا بەدەنگە بىۋاستە تېگىپ تۇرىدىغان ئىچ كۆڭلە ك . ئىستان ۋە باشقىلارنىڭ تارىلىقىغا ئالاھىدە دىققەت قىلىش .ئىچ كىيىملەرنى پات - پات ئالمشتۇرۇپ . يۇيۇپ ، دەزماللاپ كىيىش زۆرۈر . بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
مەنبە : سالامەتلىككە زىيانلىق تۇرمۇش ئادەتلىردىن ساقلىنىڭ .
ئىز تورى بەك ياخشى