بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
بـۈيـۈك نـامىڭ بـېـتى ئـەركـان ئـارا ئـەڭ كـاتـتا بـىـر ئـۇنـۋان،
ۋۇجـۇدۇڭ ھـۈپـپىـدە ۋىجـدان، بىـساتـىـڭـغا جـاھـان مېـھـمان،
ئـۆزۈڭ ئىشچان، چېۋەر چەندان، ھـىـدايـەت ۋەسـلىگـە سۇلـتان،
دىلىـسـتانىـڭ ئىـمان، گـۈلـخان، ئـەقىـدە، بارلـىـقـىـڭ ئېـھـسان؛
ساڭا چـىـن ھـۆرمىتىم ئوكـيان، جاپاكـەش، ھـەي ئـەزىز ئىنسان،
ئوقـۇيمـەن سۆيگـۈدىن داستان، كـەبى بۇلـبۇل ئـۇرۇپ خەنـدان! ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
بـۇ دۇنـيانـىـڭ بـازارىـنى پــاراۋان، مــول، ئـاۋات قـىـلـدىـڭ،
كېـرەكـلـىـك مـال - تـاۋارىـنى ئـۈزۈلـدۈرمەي پـارات قىلدىڭ،
كـەسـىـپ - سـاھـە سۇۋارىنى ھـالال باقـتىڭ، ھىـمات قىـلدىڭ،
ئېسـىـپ تىنـچلىق تـۇمـارىنى، سەپـەرگـە پـۇت، قـانات قىلدىڭ؛
ساڭا چـىـن ھـۆرمىتىم ئوكـيان، جاپاكـەش، ھـەي ئـەزىز ئىنسان،
ئوقـۇيمـەن سۆيگـۈدىن داستان، كـەبى بۇلـبۇل ئـۇرۇپ خەنـدان.
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
ۋاپــادار پــەرى - دىـلـدارىـڭ تــەۋەررۈك ئــاشـىـيان ســەھــرا،
ئـۆمـۈرلـۈك ئەزگـۈ ئـەپـكـارىڭ ئېـتىز - قـىـر ئىـشقىـدا شـەيـدا،
سـەھـەر - ئـاخـشامـدا دىشـۋارىڭ ئـەزەلـدىن توخـتىماس دەريا،
ئېـچىلـغاي رەڭـگى - رۇخـسارىڭ، سائـادەت ئـەيلىـسەڭ بـەرپـا؛
ساڭا چـىـن ھـۆرمىتىم ئوكـيان، جاپاكـەش، ھـەي ئـەزىز ئىنسان،
ئوقـۇيمـەن سۆيگـۈدىن داستان، كـەبى بۇلـبۇل ئـۇرۇپ خەنـدان. ى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى
باھار، ياز، كۈزدە چىڭ ئىشلەپ: ئالارمىز مول ھوسۇل، دەيسەن،
قـىـشى دۇلـدۇل كەبى كىشـنەپ: بىـنا، دامبىغا ئـۇل... دەيسەن،
ھـاشاردا قـۇم - تـوپا چىشلەپ: قازاي ئـۆستەڭ ئۇدۇل، دەيسەن...
سېـنىڭـچە بارمىدۇر ئـەشـرەپ دېسەم، بۇ سۆز نوقـۇل، دەيسەن...
ساڭا چـىـن ھـۆرمىتىم ئوكـيان، جاپاكـەش، ھـەي ئـەزىز ئىنسان،
ئوقـۇيمـەن سۆيگـۈدىن داستان، كـەبى بۇلـبۇل ئـۇرۇپ خەنـدان. ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تور
قـاقـاس چـۆلـدىن ئېچـىـپ مـەرئا، كـۆكەرتتىڭ كـەڭ تەبىـئەتنى،
سـەراپ تـەكـلـىـماكـان يـەكـتا بـۈگـۈن كـۆردى كـارامـەتـنى...!
راھـەتـلـەر ئـۆزگىـگـە ئـەسـلا... چېكەرسەن كۆپ مـۇشەققـەتـنى،
ئـۆزۈڭ قـالـدىڭ يـېـرىم - يـارتـا، بـېـرىپ ئـەلـگـە ھـالاۋەتـنى؛
ساڭا چـىـن ھـۆرمىتىم ئوكـيان، جاپاكـەش، ھـەي ئـەزىز ئىنسان،
ئوقـۇيمـەن سۆيگـۈدىن داستان، كـەبى بۇلـبۇل ئـۇرۇپ خەنـدان. تور دۇنياسىدىكى چاقنىغان يۇلتۇز - ئىز تورى!
ھېـرىش - چـارچاشـنى يـۈز - يـۈزدە بىلەلـمەسلىك لـوگىكاڭدۇر،
قـاراڭـغـۇ يـامـرىـسا كـۆزدە، قـۇرۇش سـۆھـبەت لـىـرىكاڭـدۇر،
ياتـارسـەن ئايـدالا - تـۈزدە، ئـوچـۇق ئـاسـمان يـېـپىـنچـاڭدۇر،
تـېـپـىـلـغاي ھـەممـىـسى ئـۆزدە، ئـانـا تـۇپـراق سېلىنـچاڭدۇر...
ساڭا چـىـن ھـۆرمىتىم ئوكـيان، جاپاكـەش، ھـەي ئـەزىز ئىنسان،
ئوقـۇيمـەن سۆيگـۈدىن داستان، كـەبى بۇلـبۇل ئـۇرۇپ خەنـدان.
تـۆكـۈشـنى يـەرگـە دۇر - مېھـنەت ھـۇزۇر بىلـدىڭ كامالىڭدىن،
چىـقاردىڭ ئـاش - ئـوزۇق نېـمەت كۈچۈڭ، ئاددىي قورالىڭـدىن،
بـېـغـىـشلاپ بـارچـىـغا دۆلـەت، خـۇشاللاندىڭ ئـامـالـىـڭـدىن؛
تـەپـەكـكۇر جـەۋھىـرىڭ ھېكـمەت، ئالاي تـەلىم ماقـالىڭـدىن...
ساڭا چـىـن ھـۆرمىتىم ئوكـيان، جاپاكـەش، ھـەي ئـەزىز ئىنسان،
ئوقـۇيمـەن سۆيگـۈدىن داستان، كـەبى بۇلـبۇل ئـۇرۇپ خەنـدان.
مەن ئىز تورىغا بەك ئامراق
دېھـقان دەيمەنكى − دان دەيمـەن، زىرائـەتـتىن زېـمىـن ئويـغاق،
دېھـقان دەيمەنكى − نان دەيمـەن، نېـنىمـغا بارچە ئەل مۇشـتاق،
دېھـقان دەيمەنكى − جان دەيمەن، سېنىڭسىز يوق ھايات قايناق،
دېھـقان دەيمەنكى − كان دەيمەن، لەزىز تۇرمۇش، دىيار قۇۋناق؛
ساڭا چـىـن ھـۆرمىتىم ئوكـيان، جاپاكـەش، ھـەي ئـەزىز ئىنسان،
ئوقـۇيمـەن سۆيگـۈدىن داستان، كـەبى بۇلـبۇل ئـۇرۇپ خەنـدان.
پـايـانـسـىـز پـاخـتـىـزارىڭـدىن بـەدەنـلـەرگـە كـىـيـىم كـەلـدى،
كـۆلـەمـلىك ئـۈجـمـىـزارىـڭـدىن يىـپەك، دورا، گـىـرىم كـەلـدى؛
بېـغىڭ، تـەك، مىرغىـزارىڭـدىن مـېـۋە، ئوتياش ئـەزىـم كـەلـدى،
شـۇ ئـورمـان - ئـارچـىـزارىـڭـدىن بىـنالارغـا ئـىـرىـم كـەلـدى...
ساڭا چـىـن ھـۆرمىتىم ئوكـيان، جاپاكـەش، ھـەي ئـەزىز ئىنسان،
ئوقـۇيمـەن سۆيگـۈدىن داستان، كـەبى بۇلـبۇل ئـۇرۇپ خەنـدان.
كەرەملىك چارۋا، ھويلاڭدىن تۇخۇم، گۆش، سۈت، قېتىق... دەركار،
ھـۈنەرۋەن ئۇسـتا جـوراڭـدىن غـىجىم، كـەشـتە، نـەقىش بىـسيار،
ئېـرەمـلىـك سىـپـتا زىلـچاڭـدىن يـەنـە نـامـىـم ھـامـان داڭـدار،
مەدەن، قاشـتېـشى سـوۋغـاڭـدىن ئـايـان دىدار، كىـشى بىـدار...
ساڭا چـىـن ھـۆرمىتىم ئوكـيان، جاپاكـەش، ھـەي ئـەزىز ئىنسان،
ئوقـۇيمـەن سۆيگـۈدىن داستان، كـەبى بۇلـبۇل ئـۇرۇپ خەنـدان.
تور دۇنياسىدىكى چاقنىغان يۇلتۇز - ئىز تورى!
ئـۇلـۇغـۋار سەنـدىكى ئىـسـتەك، پـىـرى سـەن ئـەنـئەنـە، ئـەردەم،
سېخىي - مەردلىكـكە سەن ئـۆرنەك، بېشى خىسلەت، تىرىك ھاتەم،
جىـمىي جانـغا سېغىن ئـەمـچەك، تـامـام بـولـماس دېـڭىز ئـەزەم،
ئـەجىـر - تـۆھـپىدە سەن يۈكـسەك، قولـۇڭدا چـۆرگىلەر ئـالەم...!
ساڭا چـىـن ھـۆرمىتىم ئوكـيان، جاپاكـەش، ھـەي ئـەزىز ئىنسان،
ئوقـۇيمـەن سۆيگـۈدىن داستان، كـەبى بۇلـبۇل ئـۇرۇپ خەنـدان.
مەن ئىز تورىغا بەك ئامراق
سـۆيـۈمـلۈكـتىن سـۆيـۈمـلۈكـسەن، تېـپىلـمايدۇ ساڭا تـەڭـداش،
كـۆيـۈمـلۈكـتىن كـۆيـۈمـلۈكـسەن، دىيانـەتـكە مـۇدام سىرداش،
تـۈزۈملۈكـتىن تـۈزۈملۈكـسەن يېـڭىلـمەس جـەڭـچىگە ئوخـشاش،
ئـۈنـۈملۈكـتىن ئـۈنۈملۈكـسەن، ئىـزىڭـدا گـۈل، دىلىڭ ئوتـقاش؛
ساڭا چـىـن ھـۆرمىتىم ئوكـيان، جاپاكـەش، ھـەي ئـەزىز ئىنسان،
ئوقـۇيمـەن سۆيگـۈدىن داستان، كـەبى بۇلـبۇل ئـۇرۇپ خەنـدان. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
دېـھـقان بـار ھـەمـمە مىللـەتـتە، لـېكىـن ئوخـشاشـمىـغاي ئۇيغۇر،
يـاشايسەن ساددا خىلـۋەتـتە، قۇرۇپ مـەشرەپ، چېلىپ تـەمبۇر...
قـېـرىپ كـەتسـەڭـمـۇ ئـادەتـتە ئـارامـنى تـەرك ئېـتىـپ مـەغـرۇر،
پـۈتـەر نـەپسـىـڭمـۇ ئەلـۋەتـتە قىلىپ يـۇرتـنى پـۇزۇر، مـەمـۇر...
ساڭا چـىـن ھـۆرمىتىم ئوكـيان، جاپاكـەش، ھـەي ئـەزىز ئىنسان،
ئوقـۇيمـەن سۆيگـۈدىن داستان، كـەبى بۇلـبۇل ئـۇرۇپ خەنـدان. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
غـۇرۇرۇم، ئىـپـتىخـارىمـسەن، تـېـنىڭ سـاغـلام، ئـامـان بولـسۇن!
قـۇۋانـچىـم، غـەمـگـۇزارىمـسەن، يولـۇڭ داغـدام، راۋان بولـسۇن!
داۋامـەت ئىنـتىزارىمـسەن، كۈنـۈڭ بەخت - قـۇت تامـان بولسۇن!
جېـنىـم ھـەم ئىقـتىدارىمسەن، تـۇتـاش يـىـلـتـىـز پايـان بولـسۇن!
ساڭا چـىـن ھـۆرمىتىم ئوكـيان، جاپاكـەش، ھـەي ئـەزىز ئىنـسان،
ئوقـۇيمەن سۆيگـۈدىن داستان، كەبى بۇلـبۇل ئـۇرۇپ خەنـدان...!
(ژۇرنىلىمىز 2010-يىل 1-سانىدىن)
(ئاپتور: «جۇڭگومىللەتلىرى» ژۇرنىلىرى تەھرىراتىدىن)
www.iz.la