
نۆۋەتتە نۇرغۇنلىغان ئولتۇراق رايونلاردا بىنادا ئولتۇرغۇچىلار ئۇيۇشمىسى بىلەن خوجىلىق باشقۇرۇش شىركەتلىرى ئوتتۇرىسىدا خوجىلىق باشقۇرۇش توختامى تۈزۈلگەندە، خوجىلىق توختامىنىڭ خاراكتېرىگە قارىتا ئېنىق بولغان بىر خىل ئۇقۇم بولمىغانلىق تۈپەيلىدىن، بەزى ئولتۇراق رايونلاردا ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسدا تۈزۈلگەن توختام مۇلازىمەت توختامى، بەزى ئولتۇراق رايونلاردا بولسا ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسدا تۈزۈلگەن توختام ھاۋالە توختامى بولىدىغان ئەھۋاللار يۈز بېرىپ، ئىككى خىل توختام شەكلى قوللىنىلىۋاتىدۇ.
www.iz.la
ئىگىلىشىمىزچە، بۇ جەھەتتىكى قالايمىقانچىلىق ئەھۋاللىرىغا قارىتا، نۆۋەتتە ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ دېلو سەۋەبىنىڭ تۈرگە ئايرىلىشىغا قارىتا بەلگىلىمىسىنىڭ روھىغا ئاساسلانغاندا، خوجىلىق باشقۇرۇش توختامىغا چېتىلىدىغانلىرى مۇلازىمەت توختامى ماجىراسى دەپ بېكىتىلگەن، ھەم خوجىلىق باشقۇرۇش ماجىراسى دەپمۇ بېكىتىلگەن. سوت مەھكىمىسى خوجىلىق باشقۇرۇش ماجىرا دېلوسىنى بىر تەرەپ قىلغاندا، قىسمەن دېلولارنىڭ دېلو سەۋەبىنى مۇلازىمەت توختام ماجىراسى دەپ بېكىتسە، قىسمەنلىرىنى خوجىلىق باشقۇرۇش ماجىراسى دەپ بېكىتكەن. يەنە بەزىلىرىنى بولسا، زەخمە تۆلىمى ياكى مال مۈلۈك ھوقۇق تەۋەلىكى قاتارلىق باشقا دېلو سەۋەبى قاتارىغىمۇ كىرگۈزگەن. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
بۇنىڭ ئاساسىي سەۋەبى نېمە دېگەندە، خوجىلىق باشقۇرۇش مۇلازىمەت توختامىغا قارىتا تونۇشنىڭ، كۆز قاراشنىڭ ئوخشاش بولماسلىقىدىن ئىبارەت. ئانالىز قىلىشىمىزچە، ئەگەر ئىككى تەرەپ تۈزگەن توختام خوجىلىق ھاۋالە توختامى خاراكتېرىگە تەۋە بولسا، ئۇنداقتا، بىنادا ئولتۇرغۇچىلار ھاۋالە قىلغان خوجىلىق باشقۇرۇش كارخانىلىرى مۇشۇ ئولتۇراق رايوندا باشقۇرۇش ئېلىپ بارغان بولىدۇ. بىنادا ئولتۇرغۇچىلار بىلەن خوجىلىق باشقۇرۇش كارخانلىرى ئوتتۇرىسىدا ھاۋالە قىلىش، ھاۋالە قىلىنىش مۇناسىۋىتى مەۋجۇت بولغان بولىدۇ. مۇشۇنداق بولغاندا، ئەگەر، ئولتۇراق رايوندا، باشقۇرۇش جەھەتتە مەسىلە كېلىپ چىقىپ، مەسىلەن، ئوغرىلىق، قاتارلىق ئەھۋاللار كۆرۈلسە، ئۇنىڭ ئاقىۋىتى بىلەن خوجىلىق باشقۇرۇش كارخانىلىرى ئوتتۇرىسىدا ھېچقانداق مۇناسىۋەت بولمايدۇ. شۇڭلاشقا، ھاۋالە قىلىش توختامىدىكى ھاۋالە قىلغۇچىلار ئۆزى خالىغانچە، ھاۋالە توختامىنى بىكار قىلىۋېتەلەيدۇ. بۇنىڭغا ھېچقانداق سەۋەب كۆرسىتىشنىڭ ھاجىتى يوق. بۇنداق بولغاندا بۇ مۇشۇ ئولتۇراق رايوننىڭ مۇقىملىقىغا پايدىسىز.
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
ھەل قىلىش ئۇسۇلى: خوجىلىق باشقۇرۇش توختامىنى تۈزگەندە، دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى مەزكۇر توختامنىڭ خاراكتېرى ھاۋالە توختامى بولماستىن، چوقۇم مۇلازىمەت توختامى بولۇشى كېرەك. بۇنىڭ ئەڭ ئاددىي ئۇسۇلى بولسا، بىز تۈزمەكچى بولغان مۇشۇ خوجىلىق توختامىنىڭ نامىغا قارىساقلا بولىدۇ. يەنى مۇلازىمەت توختامى بولغان بولسا، ئادەتتە، بۇ توختامنىڭ نامى «خوجىلىق باشقۇرۇش مۇلازىمەت توختامى» دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇ «خوجىلىق باشقۇرۇش ھاۋالە توختامى» دەپ ئاتالماسلىقى كېرەك. بۇنىڭدىن باشقا، شۇ توختامنىڭ ماددىلىرىدا، ئەگەر، ھاۋالە توختامى بولسا كۆپىنچىسى «ئا تەرەپ ب تەرەپنى ھاۋالە قىلدى» دەپ ئىپادىلىنىدۇ. مۇلازىمەت توختامىدا بولسا «ئا تەرەپ ب تەرەپنى مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەيدۇ» دەپ ئاتىلىدۇ. يۇقىرىقىلارغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن