app دېتالى
ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>پەن-مائارىپ>

ئالتە ئاي سۇغا چىلاپ قويسىمۇ نورمال ئىشلەيدىغان يانفون

ۋاقتى:2012-10-12 18:32مەنبە: يوللىغۇچى:مىراسخور چېكىلىشى:قىتىم

شىنلاڭ رەقەملىك خەۋەرلىرى: 10-ئاينىڭ 11-كۈنى چۈشتىن بۇرۇنلۇق خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، چەتئەللىك Ken Hovanesئىسىملىك تورداشنىڭiPhone نى ئالتە ئاي ئىلگىرى ئېھتىياتسىزلىقتىن تەخمىنەن 1.8 مېتىر چوڭقۇرلۇقتىكى كۆلگە چۈشۈپ كەتكەن. بۇ ھەپتىدە، كۆل سۈيىنىڭ پەسىيىشىگە ئەگىشىپ، ئۇ ئۆزىنىڭ ئىلگىرى سۇغا چۈشۈپ كەتكەن يانفونىنى تېپىۋالغان ھەمدە ئۇنى ئېچىپ نورمال ئىشلەتكىلى بولىدىغانلىقىنى بايقىغان.
ئالتە ئاي ئىلگىرى، Ken Hovanesئېھتىياتسىزلىقتىن ئۆزىنىڭ iPhone 4نىكۆلگە چۈشۈرۈۋەتكەن، ئەينى چاغدا سۇنىڭ چوڭقۇرلۇقى تەخمىنەن 1.8 مېتىر بولۇپ، ئۇنىڭ ئېيتىپ بېرىشىچە ئۇ iPhoneنىڭ سۇ ئاستىدىكى ئورنىنى ئىنتايىن تەسلىكتە كۆرەلىگەن. iPhoneنىڭ پۈتۈنلەي سۇغا چۈشۈپ كەتكەنلىكى ۋە سۈزۈپ ئېلىپ چىقىشنىڭ قىينىلىقىنى نەزەردە تۇرۇپ، يانفوننى ئىزدەش نىيتىدىن ۋاز كېچىپ يېڭىدىن بىر iPhoneنى سېتىۋېلىشنى پىلانلىغان.

www.iz.la


لېكىن بۇ ھەپتە، كۆلدىكى سۇ ئورنىنىڭ پەسىيىشىگە ئەگىشىپ، كۆل سۈيى ئىنتايىن سۈزۈلۈپ كەتكەن، ئۇ ھەيرانلىق ئىلكىدە ئۆزىنىڭ سۇغا چۈشۈپ كەتكەن يانفونىنى بايقىغان. ئادەمنىڭ ئەقلى يەتمەيدىغان يېرى شۇكى،كۆل سۈيى ئىچىدە ئالتە ئاي «چىلىنىپ ياتقان» iPhoneنىڭ گەرچە ھەممە يەرلىرىگە لاي چاپلىشىپ كەتكەن بولسىمۇ، لېكىن يەنىلا ئاچقىلى بولغان.
لېكىن ئېلېكترون دېتاللىرىنى پاسكىنا سۇلار چىرىتىۋەتكەن بولغاچقا، ئېكرانى ئەسلىدىكى ھالەتكە كەلمىگەن، ئېكراننىڭ تۆت ئەتراپى ئاقرىپ كەتكەن بولۇپ، پەقەت ئوتتۇرا قىسىمىلا نورمال ئىشلىگەن، WiFiنى ئوخشاشلا ئىشلەتكىلى بولمىغان. لېكىن ئۇ ئۇلاش ئېغىزىدىكى لايلارنى تازىلاپ، ئۆزىنىڭ رەسىملىرىنى زاپاسلاپ ساقلاپ قويماقچى بولدى. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

ى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى

copyright by www.iz.la

ياخشىكەن
(1)
100%
ئالقىشلايمەن
(0)
0%
ئىنكاس يېزىش ھەممە ئىنكاسلار
ئاممىۋى تور ئەخلاقىغا رىئايە قىلىڭ، تەستىقلانغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ.IPخاتىرلىنىدۇ.
باھا:
يىقىنقى ئىنكاسلار ھەممە ئىنكاس