ئەنگىلىيە ‹‹كۈندىلىك پوچتا گېزىتى›› نىڭ 27-سېنتەبىر خەۋەر قىلىشىچە ، جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ شەرقىي كاپ ئۆلكىسىدىكى گراھامستوۋن ئەتراپىدىكى لالبېلا قوغداش رايونىدا ، تۆت كەركىدان ئوغرىلىقچە ئوۋ ئوۋلىغۇچىلار تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلۈپ ، مۈڭگۈزى كېسىپ كېتىلگەن . ئوخشاش بىر ھەپتە ئىچىدە ، ھىندىستاننىڭ شەرقىي شىمالىدىكى ئاسسامدىمۇ تۆت كەركىدان ئۆلتۈرۈلۈپ ، مۈڭگۈزى كېسىۋېلىنگەن بولۇپ ، ھەتتا ئارىدىكى بىرىنىڭ نەپسى تېخى توختىماي تۇرۇپلا مۈڭگۈزى ۋەھشىيلەرچە كېسىۋېلىنگەن . بۇ چىشى كەركىداننى كېيىن قۇتقۇزغۇچى خادىملار بايقاپ جىددىي قۇتقۇزغان بولسىمۇ، ئۈنۈمى بولماي ئۆلۈپ كەتكەن .
ئىگىلىنىشىچە ، 2012-يىلىنىڭ بېشىدىن ھازىرغىچە، جەنۇبىي ئافرىقىدا 400 ياۋايى ھايۋان ئۆلتۈرۈلگەن .
ئىز تورى بەك ياخشى
copyright by www.iz.la
copyright by www.iz.la



