app دېتالى
ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>تەنتەربىيە>

ۋاسكىتبول مەيدانىدىكى مۆجىزە-لىن ...

ۋاقتى:2012-08-28 18:39مەنبە:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى يوللىغۇچى: چېكىلىشى:قىتىم

 

ى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى

 

مەن ئىز تورىغا بەك ئامراق

ى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى

  ى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى

ئۇ خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، NBA غا كىرگەن. باشتا ۋاسكىتبول ساھەسىدە ھېچكىمنىڭ كۆزىگە چېلىقمىغان. كېيىن نيۇيورك نىكىس كوماندىسىغا كىرگەن. بۇ يىل 1-ئاينىڭ ئاخىرىدا ئۇ نىكىس كوماندىسىنىڭ 5 مەيدان مۇسابىقىسىدا 136 نومۇرغا ئېرىشىپ،  NBA دىكى 1974-يىلىدىن بۇيانقى ئەڭ ياخشى نەتىجىگە ئېرىشكەن. شۇنىڭدىن باشلاپ ئۇنىڭ نامى پۈتۈن دۇنياغا بىر كېچىدىلا تارقالدى، ئامېرىكىنىڭ دۇنياغا داڭلىق دەۋر ژۇرنىلىنىڭ مۇقاۋىسىغا ئۇنىڭ سۈرئىتى بېسىلدى. ئۇ دەل جۇڭگولۇق ئەۋلادىدىن بولغان ۋاسكىتبول چولپىنى لىن شۇخاۋ.

بىز ھەممىمىز ئىز تورىنى ياخشى كۆرىمىز!

بۇ جۇڭگولۇق ئەۋلادىدىن بولغان ۋاسكىتبول چولپىنىنى مۆجىزە كەبى بىر تارىخ ياراتتى دەپ ئېيتىشقا بولىدۇ، ئۇنىڭ كەسپىي ھاياتىنى ھەقىقەتەن ئەگرى-توقايلىق جاپا-مۇشەققەتلەر بىلەن تولغان دېيىشكە بولىدۇ. پەقەت ۋاسكىتبولغا بولغان ئوتتەك قىزغىنلىق ۋە ئىشتىياقى ئۇنى بەل قويىۋەتمەستىن ئۈزلۈكسىز تىرىشىشقا ئۈندىگەن، ئۇنىڭدىكى بۇ خىل روھ ھازىرقى نۇرغۇن ياشلىرىمىز ئۈچۈن بىر ياخشى ئۈلگە. تۆۋەندە ئۇنىڭ كەسپىي ھاياتىدىكى كۈرەش قىلىش تارىخى بىلەن تونۇشۇپ چىقايلى:

بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

لىن شۇخاۋ 1988-يىلى 8-ئاينىڭ 23-كۈنى ئامېرىكىنىڭ كالىفورنىيە شىتاتىدا تۇغۇلغان. ئېنگلىزچە ئىسمى جېرېمىي لىن. ئەينى يىللىرى ئادەتتىكى بىر بالا ئىدى. ئىلگىرى ئۇنىڭمۇ نۇرغۇن بالىلارغا ئوخشاش ئۆزگىچە خىياللىرى بولغان. ئۇ خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرگەن، شۇنداقلا خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مەكتەپ كوماندىسىغا تاللانغان، ئۇنىڭ بوي ئېگىزلىكى 1 مېتىر 91 سانتېمېتىر. تىلغا ئېلىپ ئۆتۈشكە ئەرزىيدىغىنى شۇكى، خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتى بەزى مەكتەپلەرگە ئوخشاش تەنتەربىيە جەھەتتىكى ئالاھىدىلىكى بار ئوقۇغۇچىلارغا ئېتىبار قىلمايدۇ، شۇڭا بۇ مەكتەپكە كىرىش ئۈچۈن چوقۇم ئۆزىنىڭ ئەمەلىي كۈچىگە تايىنىپ ئىمتىھاندىن ئۆتۈشى كېرەك. لىن شۇخاۋ ئىلگىرى «كەسپىي ۋاسكىتبولچى بولالمىسام، پوپ بولىمەن» دېگەنىدى، ئەمما ئۇ يەنىلا ۋاسكىتبولچى بولۇشنى بەكرەك ئارزۇ قىلغان. پەقەت يازلىق بىرلەشمە مۇسابىقىسى ئاخىرلىشىشى بىلەن، ئەزىمەت كوماندىسى ئۇنىڭغا ئىككى يىللىق توختام بەردى. ئەمما ئۇنىڭ بۇ كوماندىدا ئۆزىنى ئىسپاتلايدىغان ۋاقىتلىرى ناھايىتى ئاز بولۇپ، بەزىدە ئانچە-مۇنچە مەيدانغا چۈشۈش پۇرسىتىگە ئېرىشىپ قالاتتى. مۇسابىقە ئويناش پۇرسىتىگە ئېرىشەلمەيدىغان نۇرغۇن يېڭى ماھىرلارغا ئوخشاش لىن شۇخاۋمۇ كەسكىن قارار چىقىرىپ ئۆزىنى چېنىقتۇرۇش ئۈچۈن رېينولد كوماندىسىغا قېتىلغان.  ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

ئەلۋەتتە، لىن شۇخاۋنىڭ كەلگۈسى يەنىلا NBA، شۇڭا ئۇ قايتىدىن ئەزىمەت كوماندىسىغا قايتىپ بارغان، ئەمما مەشىق باشلىنىپ بىر كۈندىن كېيىنلا بۇ كوماندا ئۇنى قىسقارتىۋەتكەن، شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ راكېتا كوماندىسىغا قاتناشقان، بۇ كوماندىغا ۋاكالىتەن ئىككى مەيدان مۇسابىقىدە يەتتە مىنۇت مۇسابىقە ئوينىغان. ئەمما ئۇنىڭ بۇ كوماندىدا تۇرغان ۋاقتى ناھايىتى قىسقا بولغان، بۇ كوماندا سانيۇل دالېمبېرت بىلەن توختاملىشىش ئۈچۈن لىن شۇخاۋنى قىسقارتىۋەتكەن. بۇ نۆۋەت نىكىس ئۇنى قوشىۋالغان. ئەڭ باشتا، لىن شۇخاۋ پەقەت زاپاس ئەزا بولالىغان.   ئەمما «جاپانىڭ تېگى ئالتۇن» دېگەندەك، نىكىس قىيىنچىلىق مەزگىللىرىدە لىن شۇخاۋ ئوتتۇرىغا چۈشۈپ ئۆزىنىڭ قالتىس ماھارىتى بىلەن تاماشىبىنلارنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشتى. 

تور دۇنياسىدىكى چاقنىغان يۇلتۇز - ئىز تورى!

لىن شۇخاۋ كۆللۈكلەر بىلەن بولغان مۇسابىقىدە ھاياتىدىكى ئەڭ ياخشى نەتىجىنى قولغا كەلتۈردى. ئۇ شۇ مەيدان مۇسابىقىدە 38 نومۇرغا ئېرىشىپ مۇسابىقىدىن بۇرۇن «لىن شۇخاۋ دېگەن كىم» دەپ يۈرگەن كوبىنى ھەيران قالدۇردى. بۇ ھەقىقەتەنمۇ تەقدىرنى ئۆزگەرتكەن بىر مەيدان مۇسابىقە بولدى، تېخى ئىككى ئاي بۇرۇن ھېچكىم تونىمايدىغان لىن شۇخاۋ «دەۋر» ژۇرنىلىغا چىقىپ كەتتى. ئۇ ھازىر خيۇستۇن راكىتا كوماندىسىدا توپ ئويناۋاتىدۇ.

ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

ياخشىكەن
(0)
0%
ئالقىشلايمەن
(0)
0%
ئىنكاس يېزىش ھەممە ئىنكاسلار
ئاممىۋى تور ئەخلاقىغا رىئايە قىلىڭ، تەستىقلانغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ.IPخاتىرلىنىدۇ.
باھا:
يىقىنقى ئىنكاسلار ھەممە ئىنكاس