ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>خەلقئارا>

تۈركىيە ئەسكەرلىرىنى توشۇپ ماڭغان ماشىنا بومبا ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى

2012-يىلى08-ئاينىڭ09-كۈنىمەنبە:ئوكيان تورى يوللىغۇچى:
بىرلەشمە سەھەر گېزىتى تورىنىڭ 9-ئاۋغۇست خەۋىرى: تۈركىيە دۆلەتلىك تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى خەۋەر قىلىشىچە، تۈركىيە ئەسكەرلىىرنى توشۇپ ماڭغان ماشىنا 8-ئاينىڭ 9-كۈنى تۈركىيەنىڭ غەربىي قىسىمىدا يول بويى بومبا ھۇجۇمىغا ئۇچراپ، بىر ئەسكەر قازا قىلغان، باشقا يەنە 3
  

 بىرلەشمە سەھەر گېزىتى تورىنىڭ 9-ئاۋغۇست خەۋىرى: تۈركىيە دۆلەتلىك تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى خەۋەر قىلىشىچە، تۈركىيە ئەسكەرلىىرنى توشۇپ ماڭغان ماشىنا 8-ئاينىڭ 9-كۈنى تۈركىيەنىڭ غەربىي قىسىمىدا يول بويى بومبا ھۇجۇمىغا ئۇچراپ، بىر ئەسكەر قازا قىلغان، باشقا يەنە 30 ئادەم يارىدار بولغان. پارتلاش ئىزمىر ۋىلايىتىنىڭ ئېگېي دېڭىزى قىرغىقىغا جايلاشقان داڭلىق ساياھەت بازىرى فوكا بازىرىدىكى دېڭىز ئارمىيە بازىسىغا يېقىن بىر جايدا يۈز بەرگەن. يارىدارلار ئېگېي ئۇنۋېرسىتىتى تىببىي فاكۇلىتىتىنىڭ دوختۇرخانىسى، ئىزمىر كاتىپ سەلەبى ئۇنۋېرسىتىتى دوختۇرخانىسىسى ۋە مەنەمەن دۆلەتلىك دوختۇرخانىسىغا ئېلىپ بېرىلغان. پارتلاش يۈز بېرىشتىن نەچچە كۈن ئىلگىرى، تۈركىيە ئىچكى سىياسىي ئىشلار مىنىستىرى تۈركىيە ئارمىيىسى بىلەن كۇرد ئىشچىلار پارتىيىسى قوراللىق ئۇنسۇرلىرى بىلەن بولغان ئۇرۇشتا، جەمئىي 115 نەپەر قوراللىق ئۇنسۇرنى ئېتىپ ئۆلتۈرگەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى. (نەپرەت)

خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!