app دېتالى
ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>تەنتەربىيە>

ئولىمپىك ئەرلەر ۋاسكىتبول مۇسابى...

ۋاقتى:2012-07-30 15:15مەنبە:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى يوللىغۇچى: چېكىلىشى:قىتىم

 

بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

بېيجىڭ ۋاقتى 29-ئىيۇل كەچتە، جۇڭگو ئەرلەر ۋاسكىتبول كوماندىسى ئولىمپىك ئەرلەر ۋاسكىتبول مۇسابىقىسى بويىچە تۇنجى مۇسابىقىسىدا ئىسپانىيە ئەرلەر ۋاسكىتبول كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلەشتى، ئىككى تەرەپنىڭ ئەمەلىي كۈچ پەرقى زور ئىدى، لېكىن جۇڭگو ئەرلەر ۋاسكىتبول كوماندىسى قورقۇپ قالمىدى، ئالدىنقى يېرىم مەيدان مۇسابىقىدە يى جيەنلىيەن بىلەن چېڭ جياڭخۇا ئالاھىدە ماھارىتىنى قالتىس جارى قىلدۇرىدۇ، لېكىن ئىسپانىيە ئەرلەر ۋاسكىتبول كوماندىسى ئۈچ نومۇرلۇق توپتىن بىرنەچچىنى كىرگۈزۈپ ئالدىنقى يېرىم مەيدان مۇسابىقىدە 12 نومۇر ئاشىدۇ، كېيىنكى يېرىم مەيدان مۇسابىقىدە جۇڭگو ئەرلەر ۋاسكىتبول كوماندىسى يەنىلا ۋاز كەچمىدى، ئۈچىنچى چارەك مۇسابىقىدە جۇڭگو ئەرلەر ۋاسكىتبول كوماندىسى يى جيەنلىيەن بىلەن چېڭ جياڭخۇا ماھارىتىنى قالتىس جارى قىلدۇرىشى بىلەن نومۇر پەرقىنى توققۇز نومۇرغا كېمەيتىدۇ، ئاخىرقى چارەك مۇسابىقىدە ئەمەلىي كۈچى كۈچلۈك بولغان ئىسپانىيە ئەرلەر ۋاسكىتبول كوماندىسى قايتىدىن نومۇر پەرقىنى كېڭەيتىپ ئاخىرىدا ئىسپانىيە ئەرلەر ۋاسكىتبول كوماندىسى97-81 نەتىجىدە جۇڭگو ئەرلەر ۋاسكىتبول كوماندىسىنى يېڭىدۇ. يى جيەنليەن پۈتۈن مەيدان مۇسابىقە بويىچە 30 نومۇرغا ئېرىشىدۇ ھەم جۇڭگو ئەرلەر ۋاسكىتبول كوماندىسىدىكى ئۆزىنىڭ نومۇرغا ئېرىشىش يۇقىرى رېكورتىنى يارىتىدۇ. تور دۇنياسىدىكى چاقنىغان يۇلتۇز - ئىز تورى!


بىز ھەممىمىز ئىز تورىنى ياخشى كۆرىمىز!

ياخشىكەن
(0)
0%
ئالقىشلايمەن
(0)
0%
ئىنكاس يېزىش ھەممە ئىنكاسلار
ئاممىۋى تور ئەخلاقىغا رىئايە قىلىڭ، تەستىقلانغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ.IPخاتىرلىنىدۇ.
باھا:
يىقىنقى ئىنكاسلار ھەممە ئىنكاس