ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>خەلقئارا>

تۈركمەنىستان «ئۇلۇغ ۋەتەننى قوغداش ئۇرۇشى» دەپ ئاتاشنى چەكلىدى

2012-يىلى05-ئاينىڭ26-كۈنىمەنبە:ئوكيان تورى يوللىغۇچى:
5 -ئاينىڭ 25-كۈنى نەشىردىن چىققان يەر شارى ۋاقىت گېزىتى نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، تۈركمەنىستاندىكى ئىنسانىي ھوقۇقنى قوغداش تەشكىلاتى تورى دېيىشىچە، بۇ يىل 5-ئاينىڭ 9-كۈنىدىكى ۋەتەننى قوغداش ئۇرۇشى غەلبە قىلغانلىقىنى خاتىرلەش يېتىپ كېلىش ئالدىدا، تۈركمەن
  

 

5-ئاينىڭ 25-كۈنى نەشىردىن چىققان «يەر شارى ۋاقىت گېزىتى» نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، تۈركمەنىستاندىكى ئىنسانىي ھوقۇقنى قوغداش تەشكىلاتى تورى دېيىشىچە، بۇ يىل 5-ئاينىڭ 9-كۈنىدىكى «ۋەتەننى قوغداش ئۇرۇشى» غەلبە قىلغانلىقىنى خاتىرلەش يېتىپ كېلىش ئالدىدا، تۈركمەنىستان ھۆكۈمىتى مەخپىي بۇيرۇق چىقىرىپ، ئاخباراتلارنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن «1941-1945 يىللاردىكى ئۇرۇش» نى «ئۇلۇغ ۋەتەننى قوغداش ئۇرۇشى» دەپ ئاتىشىنى چەكلەشنى تەلەپ قىلغان. روسىيە «نۇقتىئىنەزەر گېزىتى» 5-ئاينىڭ 24-كۈنى «تۈركمەنىستان يىلنامىسى» تور بېتىنىڭ خەۋىرىنى نەقىل قىلىشىچە، بۇ بۇيرۇقنى تۈركمەنىستان مەدەنىيەت مىنىستىرلىكى ئالىي رەھبەرنىڭ كۆرسەتمىسىگە ئاساسەن تېلېفۇن ئارقىلىق يەتكۈزگەن، ئەمما بۇيرۇقتا سەۋەبى چۈشەندۈرۈلمىگەن. ئىگىلىنىشچە، تۈركمەنىستان پرېزىدېنتى بەردىمۇھەممەدوۋ رادىئو ئىستانسىسى ئارقىلىق خەلققە بايرامنى تەبرىكلەش سۆزى قىلغاندا، «1941-1945 يىللاردىكى ئۇرۇش» دېگەن سۆزنى قىلغان بولۇپ، ئىلگىرىكى  «ئۇلۇغ ۋەتەننى قوغداش ئۇرۇشى» دېگەن سۆزنى قىلمىغان. خەۋەردە دېيىلىشىچە، تۈركمەنىستان خەلقى ۋە سابىق سوۋېتلەر ئىتتىپاقىدىكى باشقا ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيەتلەر بۇ دەھشەتلىك ئۇرۇشقا قاتناشقان ھەمدە ئېغىر زىيانغا ئۇچرىغان. سوۋېتلەر ئىتتىپاقى پارچىلانغاندىن كېيىن، گەرچە دۆلەت ئىچىدە قىسمەن سىياسىئونلار ئۆزىمىزنىڭ ۋەتىنىنى قوغداش ئۇرۇشى ئەمەس دەپ قارىغان بولسىمۇ، ئەمما تۈركمەنىستان ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ئۇرۇشقا بولغان مەيدانىدا ئىزچىل ئۆزگىرىش بولمىغان. ئۇرۇش يىللىرىنىڭ يىراقلىشىغا ئەگىشىپ، نۇرغۇن ياشلار ئۇ قېتىمقى ئۇرۇشنى نېمە ئۈچۈن  «ئۇلۇغ ۋەتەننى قوغداش ئۇرۇشى» دەپ ئاتىلىدىغانلىقىنى، ئۇ ئۇرۇشنىڭ كىم ئۈچۈن قىلغان ئۇرۇش ئىكەنلىكىنى بىلمەيدۇ.

 تۈركمەنىستان ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قارارىغا قارىتا، روسىيە ھەربىي تارىخشۇناسلىرى تەھلىل قىلىپ، بۇ تۈركمەنىستاننىڭ روسىيەدىن يىراقلىشىش مۇساپىسىنى تېزلىتىپ، ئۆتمۈشتىكى سوۋېتلەر ئىتتىپاقىنى ئۇنتۇپ كېتىشكە ئۇرۇنىۋاتقانلىقىنى ئىپادىلەپ بېرىدۇ، دېگەن. نۆۋەتتە تۈركمەنىستان ھۆكۈمىتى بۇ ئۇچۇرغا قارىتا ھېچقانداق بايانات ئېلان قىلمىغان. روسىيە «تارىخىي ئەسلىمىلەر» فوندىنىڭ باشلىقى بىلدۈرۈشىچە، روسىيە نۆۋەتتە بۇ ئۇچۇرنى جەزىملەشتۈرمىگەن. ئۇ:«بىز ئۇزۇندىن بۇيان ئىنسانىي ھوقۇق تەشكىلاتىنىڭ بىر قىسىم ئۇچۇرلىرىدىن گۇماندا بولۇپ كېلىۋاتىمىز. ئەمما سابىق سوۋېتلەر ئىتتىپاقىدىكى نۇرغۇن دۆلەتلەر بۇ تارىخنى ئىنكار قىلىشقا ئۇرۇنىۋاتىدۇ، شۇڭا تۈركمەنىستان ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قىلمىشى ئەجەبلىنەرلىك ئەمەس» دېگەن. بۇنىڭدىن ئىلگىرى، ئۇكرائىنا ۋە بالتىق دېڭىزىدىكى ئۈچ دۆلەتمۇ بۇ ئۇرۇشقا بولغان قارىشىنى ئۆزگەرتكەن، بۇ دۆلەتلەرمۇ بۇ ئۇرۇشنى ئۆزىمىزنىڭ ۋەتىنىنى قوغداش ئۇرۇشى ئەمەس، بىزگە ئېغىر تالاپەت ۋە ھاقارەت ئېلىپ كەلدى دەپ قارىغان، روسىيە بولسا ئۇلارنىڭ مەيدانىنى ئەيىبلىگەن. (نەپرەت)

خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!