جۇڭگو ئاخبارات تورىنىڭ 11-ماي كەچ تېلگراممىسى: پان گرېېتسىزم سوتسىيالىزىم ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى ئەلىفزېرىيوس ۋېنزېلوس 11-ماي كۈنى مۇنداق دەپ بىلدۈردى: ئۇنىڭ كابېنت تەشكىللەش تىرىشچانلىقى ئۇتۇق؛ۇق بولمىغان. تا بۈگۈنگە كەلگىچە، مۇشۇ ئاينىڭ 6-كۈنىدىكى پارلامېنت سايلىمىدا كابېنت تەشكىللەش ھوقۇقىغا ئېرىشكەن ئۈچ سىياسىي پارتىيىنىڭ كابېنت قۇرۇش تىرىشچانلىقى بىردەك مەغلۇب بولۇپ، گىرىتسىيەنىڭ يەنە بىر قېتىم پارلامېنت سايلىمى ئۆتكۈزۈش ئېھتىماللىقى يۇقىرى ئىكەن. 6-ماي كۈنىدىكى پارلامېنت سايلىمىدا، يېڭى دېموكراتىك پارتىيىسى، سولچىل سىياسىي پارتىيىلەر ئىتتىپاقى ۋە پان گرېېتسىزم سوتسىيالىزىم ھەرىكىتىنىڭ ئېرىشكەن بېلەت سانى ئالدىنقى ئۈچ ئورۇندا بولغان ئىدى. گىرىتسىيە قانۇنى بويىچە، بۇ ئۈچ سىياسىي پارتىيىنىڭ رەھبەرلىرىنىڭ يېڭى بىرلەشمە ھۆكۈمەت قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن ئۈچ كۈن ۋاقىت بېرىلگەنىدى. مۇبادا كابېنت تەشكىللەش ئوڭۇشلۇق بولماي قالسا، گىرىتسىيە پىرىزدېنتى گىرىتسىيىدىكى بارلىق سىياسىي پارتىيىلەرنىڭ رەھبەرلىرىنى يىغىپ كېلىپ. كابېنت تەشكىللەش ئۈچۈن ئەڭ ئاخىرقى تىرىشچانلىقنى كۆرسىتەتتى. مۇبادا شۇنداقتىمۇ كابېنت قۇرۇش غەلبىلىك بولماي قالسا، گىرىتسىيىدە قايتىدىن پارلامېنت سايلىمى ئۆتكۈزۈلەتتى. بۇنىڭدىن ئىلگىرى، يېڭى دېموكراتلار پارتىيىسىنىڭ رەھبىرى گېيورگورس ساماراس بىلەن سولچىل پارتىيىلەر ئىتتىپاقىنىڭ رەھبىرى ئالېكىس تىساپراسنىڭ كابېنت قۇرۇش تىرىشچانلىقىمۇ مەغلۇبىيەت بىلەن ئاياقلاشقانىدى.
ئەلىفزېرىيوس ۋېنزېلوس 11-ماي كۈنى گېيورگورس ساماراس بىلەن ئۇچراشقاندىن كېيىن مۇنداق ئىپادە بىلدۈرگەن بولۇپ، ئۇ 12-ماي كۈنى پىرىزدېنت كارولوس پاپۇرىياسنىڭ ھوزۇرىغا بېرىپ، كابېنت تەشكىللەش ھوقۇقىنى تاپشۇرۇپ بەرمەكچىكەن. مەلۇمەتلاردىن قارىغاندا، ئالېكىس تىساپراس ئەلىفزېرىيوس ۋېنزېلوس بىلەن ئۇچراشقاندا، بىر مەزگىللىك ھەمدە ۋەزىپىلىرى چەكلىك بولغان بىرلەشمە ھۆكۈمەت قۇرۇش تەكلىپىنى رەت قىلغان. ئەلىفزېرىيوس ۋېنزېلوس ئىنتايىن ئۈمىدۋارلىق بىلەن شۇنى ئىپادىلىگەن، پىرىزدېنت كارولوس پاپۇرىياسنىڭ رىياسەتچىلىكى ئاستىدا، گىرىتسىيەدىكى ھەرقايسى سىياسىي پارتىيىلەرنىڭ يەنىلا بىرلەشمە ھۆكۈمەت قۇرۇپ چىقىش ئىمكانىيىتى بار. ئەمما بۇنىڭغا قارىتا نۇرغۇنلىغان سىياسىي كۆزەتكۈچىلەر، ھەرقايسى سىياسىي پارتىيىلەر ئارىسىدا گىرىتسىيە يەنە داۋاملىق قىسقارتىش تەدبىرىنى يولغا قويۇش ئارقىلىق قەرز كىرزىسىدىن ئۆتمەكچىمۇ، دېگەن يادرولۇق مەسىلە ئۈستىدىكى بۆلۈنۈشى ئىنتايىن ئېغىر بولغاچقا، بىرلەشمە ھۆكۈمەت قۇرۇش ئېھتىماللىقى ئىنتايىن ئاز، دەپ ئىپادە بىلدۈرگەن. مۇبادا ئەڭ ئاخىرقى بىر قېتىملىق كابېنت تەشكىللەش مەغلۇب بولسا، گىرىتسىيەدە كېلەر ئاي يەنە بىر قېتىملىق پارلامېنت سايلىمى ئېلىپ بېرىلىشى مۇمكىن. بۇ ئاينىڭ 6-كۈنى ئېلىپ بېرىلغان سايلام، گىرىتسىيەنىڭ قەرز كىرزىسى پارتلىغاندىن كېيىن ئېلىپ بارغان تۇنجى سايلىمى ئىدى. سايلام جەريانىدا، قىسقارتىش تەدبىرى ئېلىپ بېرىشنى خالايدىغان يېڭى دېموكراتىك پارتىيىسى بىلەن پان گرېېتسىزم سوتسىيالىزىم ھەرىكىتى، پارلامېنتتىكى 300 ماگناتتىن 149 ئورۇنغا ئېرىشكەن. قالغان بەش سىياسىي پارتىيىلەر جەمئىي 151 ئورۇنغا ئېرىشكەن ئىدى. بۇنىڭ ئۈستىگە باشقا سىياسىي پارتىيىلەرنىڭ پان گرېېتسىزم سوتسىيالىزىم خاراكتېرىدىكى ئالتۇن رەڭلىك سەھەر پارتىيىسى بىلەن ئىتتىپاقلىشىشنى خالىمايدىغانلىقى قوشۇلۇپ، كابېنت قۇرۇش جەريانى ئىنتايىن قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلگەن ئىدى.
11-ماي كۈنى ئېرىشكەن خەلق رايىنى سىناش نەتىجىسىدە، نۆۋەتتە سولچىللار پارتىيىسى ئىتتىپاقىنىڭ ئېرىشكەن قوللاش نىسبىتى ئەڭ يۇقىرى بولۇپ، يېڭى دېموكراتىك پارتىيىسىنىڭ ئىككىنچى ئورۇندا ئىكەن. ئەمما ئۇلار ئېرىشكەن قوللاش نىسبىتى ئۇلارنىڭ يەككە كابېنت قۇرۇشىغا كېرەكلىك بولغان سەۋىيىدە ئەمەس ئىكەن. يۇسران