جۇڭگو ئاخبارات تورىنىڭ 12-ماي خەۋىرى، ياپونىيە ۋەزىرى نوداياشىخوكو، 13-ماي، 14-ماي كۈنى ئېچىلىدىغان بەشىنچى نۆۋەتلىك جۇڭگو-ياپونىيە-كورىيە رەھبەرلىرى يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن، 12-ماي كۈنى چۈشتىن كېيىن بېيجىڭغا كەلدى. بۇ قېتىملىق يىغىنغا دۆلەت كېڭىشىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ۋېن جياباۋ رىياسەتچىلىك قىلىدىغان بولۇپ، ياپونىيە ۋەزىرى نوداياشىخوكو، كورىيە پىرىزدېنتى لى ميۇڭڭ باكلار يىغىنغا قاتنىشىدۇ. بۇ يىل جۇڭگو-ياپونىيە دېپلوماتىك مۇناسىۋىتىنىڭ نورماللاشقانلىقىنىڭ 44 يىللىق خاتىرە كۈنى، جۇڭگو-كورىيە مۇناسىۋىتى قۇرۇلغانلىقىنى 20 يىللىق خاتىرە كۈنى. دېپلوماتىيە مىنىستىرلىكىنىڭ باياناتچىسى خۇڭ لېي 9-ماي كۈنى، جۇڭگو-ياپونىيە-كورىيە ھەمكارلىقىنىڭ تەرەققىياتى ئىنتايىن تېز، ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك. ئۈچ تەرەپنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقى ئاستىدا، بۇ قېتىملىق يىغىن جۇڭگو-ياپونىيە-كورىيە ھەمكارلىقىنى يېڭى بىر بالداققا كۆتۈرىدىغانلىقىنىغا ئىشىنىمىز، دەپ ئىپادە بىلدۈرگەنىدى. يۇسران