جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 12-ماي بېيجىڭ خەۋىرى:
ئەمدىلا ئاياغلاشقان 22-نۆۋەتلىك دۇنيا ئىقتىساد مۇنبىرى ئافرىقا يىغىنى مەزگىلىدە، ئېفىئوپىيە، گابون، نىگېرىيە ۋە نامبىيەنىڭ رەھبەرلىرى سەمىمىي، غايىلىك، نىشانى ئېنىق، مەسئۇلىيەتچان بولۇش، قەتئىي بولۇش ۋە ئېتىقادتىن ئىبارەت ئالتە تۈرلۈك تەرەققىيات ئىدىيىسى بىلەن ئافرىقا رايونىنىڭ ئىقتىسادىدا بۇرۇلۇش ياساشنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ئېفىئوپىيەنىڭ باش مىنىستىرى مېلېس، گابون پىرېزىدېنتى بانگى، نىگېرىيە پىرېزىدېنتى جوناسىن ۋە نامبىيەنىڭ باش مىنىستىرى ئانگولا يىغىندا مۇرەككەپ ۋەزىيەتتىكى ئافرىقىنىڭ تەرەققىياتىدا بۇرۇلۇش ياساشتا دۇچ كېلىۋاتقان پۇرسەت ۋە خىرىسنى مۇھاكىمە قىلدى. رەھبەرلەر بىردەك مۇنداق دەپ قارىدى: سەمىمىي، غايىلىك، نىشانى ئېنىق، مەسئۇلىيەتچان، قەتئىي بولۇش ۋە ئېتىقادتىن ئىبارەت تەرەققىيات ئىدىيىسى- ئافرىقا رەھبەرلىرى ئىقتىدارىنىڭ تۈپ ئامىلى، كەلگۈسى 20 يىلدا ئافرىقىنىڭ ئېشىشتىن تارتىپ پۇرسەتكىچە تەڭپۇڭ بولۇشقا قاراپ بۇرۇلۇش ياسىشى ناھايىتى مۇھىم.
ئۆتكەن ئون يىلدا، دۇنيادا ئىقتىسادى ئەڭ تېز ئاشقان ئون گەۋدىنىڭ ئالتىسى ئافرىقا ئەللىرى. خەلقئارا پۇل فوند تەشكىلاتىنىڭ مۆلچەرىچە، 2011-يىلىدىن 2015-يىلىغىچە دۇنيا بويىچە ئىقتىسادى ئەڭ تېز تەرەققىي قىلىدىغان ئون دۆلەتنىڭ يەتتىسى ئافرىقا دۆلىتى بولىدىكەن.