ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>خەلقئارا>

ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى سۇرىيەدىكى زوراۋانلىق ۋەقەسىنى ئ

2012-يىلى05-ئاينىڭ12-كۈنىمەنبە:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى يوللىغۇچى:
  

 

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 12-ماي بېيجىڭ خەۋىرى:

ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ دىپلوماتىيە ۋە بىخەتەرلىك سىياسىتىگە مەسئۇل يۇقىرى دەرىجىلىك ۋەكىلى ئاشتون 11-ماي سۇرىيەدە يۈز بەرگەن زوراۋانلىق ۋەقەسىنى كۈچلۈك ئەيىبلىدى.

ئاشتون مۇنۇلارنى بىلدۈردى: مېنىڭ قارىشىم بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭكى بىلەن بىردەك، يېقىندا سۇرىيەنىڭ جەنۇبىدىكى دېرا شەھىرى ۋە پايتەخت دەمەشقتە يۈز بەرگەن پارتلىتىش ۋەقەسىنى كۈچلۈك ئەيىبلەيمىز. بولۇپمۇ دەمەشقتە يۈز بەرگەن ئىككى قېتىملىق پارتلىتىش ۋەقەسى 11-ماي سەھەر سائەت سەككىزدە يۈز بەردى، بۇ دەل يەرلىك ئاھالە ئىشقا چىقىدىغان ۋە بالىلار مەكتەپكە بارىدىغان ۋاقىتقا توغرا كەلدى، بۇ چاغدا پارتلىتىش ھۇجۇمى قوزغاش پىلانلىغۇچىنىڭ تېخىمۇ كۆپ ئۆلۈم يىتىم پەيدا قىلماقچى ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ. ئاشتون زىيانكەشلىككە ئۇچرىغانلار چوڭقۇر تەزىيە بىلدۈردى ۋە ئۇلارنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىدىن ھال سورىدى.

 

خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!