ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>خەلقئارا>

لىۋاندىكى ئاللاھ پارتىيىسى: ئىسرائىلىيەنىڭ ھەر قانداق نىشا

2012-يىلى05-ئاينىڭ12-كۈنىمەنبە:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى يوللىغۇچى:
  

 

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 12-ماي بېيجىڭ خەۋىرى:

لىۋاندىكى ئاللاھ پارتىيىسىنىڭ قوللىغۇچىلىرى 11-ماي كەچتە بىيرۇتنىڭ جەنۇبىدا يىغىلىش ئۆتكۈزۈپ، 2006-يىلى لىۋان بىلەن ئىسرائىلىيە ئۇرۇشى مەزگىلىدە ئىسرائىلىيە تەرىپىدىن ۋەيران قىلىۋېتىلگەن ئۆيلەرنىڭ قايتا سېلىنغانلىقىنى تەبرىكلىدى.

لىۋان ئاللاھ پارتىيىسىنىڭ باش شۇجىسى نەسرۇللاھ يىغىلىشتا تېلېۋىزىيە ئارقىلىق سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: 2006-يىلى لىۋان بىلەن ئىسرائىلىيە ئۇرۇشىدا، ئاللاھ پارتىيىسىنىڭ تىلاۋىفقا ھۇجۇم قىلىش ئىقتىدارى بار ئىدى، لېكىن ئىسرائىلىيەنىڭ بىيرۇتتىن ئۆچ ئېلىشىنى كۆزدە تۇتۇپ بۇنداق قىلمىدۇق. ئۇ تەھدىت سېلىپ مۇنداق دېدى: بۇندىن كېيىن بىيرۇتنىڭ جەنۇبىدىكى ئۆيلەر ئىسرائىلىيەنىڭ بومباردىمانىغا ئۇچرىغان ھامان، ئاللاھ پارتىيىسى تىلاۋىفتىن ئۆچ ئالىدۇ، ئاللاھ پارتىيىسىنىڭ تىلاۋىفنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىسرائىلىيەنىڭ ھەر قانداق نىشانىغا توغرا زەربە بېرىش ئىقتىدارى بار.

 

خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!