جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 12-ماي بېيجىڭ خەۋىرى:
ئافغانىستان ساقچى دائىرىلىرى 11-ماي: ئافغانىستاننىڭ بىر ئەسكىرى ئامېرىكا ئارمىيىسى ئەسكەرلىرىگە ئوق چىقاردى، بىر ئەسكەر قازا قىلدى، ئىككى ئەسكەر يارىلاندى دېدى.
ئافغانىستاننىڭ شەرقىدىكى كۇنار ئۆلكىسىنىڭ ساقچى قوماندانى ناسىر مۇنداق دېدى: ئافغانىستانلىق بۇ ئەسكەر شۇ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن كۇنار ئۆلكىسىدىكى ئافغانىستان بىلەن ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ بىرلەشمە بازىسىدا ئوق چىقارغاندىن كېيىن قېچىپ كەتتى.
تالىبان ئارقىدىن بۇ ۋەقەنى بىز قىلدۇق دەپ جاكارلىدى.
فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ ئىستاتىستىكىسىغا قارىغاندا، بۇ قېتىمقى ئوققا تۇتۇش ۋەقەسىنى قوشقاندا بۇ يىل ئاز دېگەندە 15 قېتىم مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ۋەقە يۈز بەرگەن، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ 20 ئەسكىرى قازا قىلغان. تالىبان بۇ ۋەقەنى سادىر قىلغانلىقىنى ئېتىراپ قىلغان ھەمدە بىز ئافغانىستان بىخەتەرلىك قىسمىغا سىڭىپ بولدۇق دېگەن.