u_a_client="1003"; u_a_width="468"; u_a_height="90"; u_a_zones="1003"; u_a_type="0"
كورىيە ئامرىكا بىئو- جانلىقلار تىرورزمغا قارشى تۇرۇش بىرلەشمە مانېۋىرى ئۆتكۈزمەكچى
كورىيە خەۋپسىزلىك كېڭىشى 11- ماي بايانات ئېلان قىلىپ، كورىيە ۋە ئامرىكا كېلەر ھەپتە ئىككىنچى قېتىملىق يىللىق بىئو- جانلىقلار ترورىزمغا قارش تۇرۇش بىرلەشمە مانېۋىرى ئۆتكۈزۈشنى پىلانلىدى،بۇ ئارقىلىق ئىككى تەرەپنىڭ بىئو- جانلىقلار تىرورزم قوراللىرىنىڭ ھۇجۇم قىلىش ئىقتىدارىنى سىنىماقچى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. مانېۋىرنىڭ شەرتلىك بەلگىسى » جاۋاب قايتۇرۇش ئىقتىدارى 2012 « بولۇپ، 15- مايدىن باشلىنىدۇ، ۋاقتى 4 كۈن، ئاساسلىق ئورنى كورىيە خەۋپسىزلىك كېڭىشى تەتقىقات ئورنى. ياپونىيە ئورتاق ئاگىنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، قاتناشقۇچىلار تەخمىنەن 190 كىشى بولۇپ، ئىككى تەرەپتىن تەخمىنەن 50 ھۆكۈمەت ئورنىدىن كەلگەن، شۇنداقلا خەۋپسىزلىك كېڭىشى ۋە سەھىيە ئورگانلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. كورىيە خەۋپسىزلىك كېڭىشى بايانات ئېلان قىلىپ » مانېۋىردا دۆلەتنىڭ ھەرقايسى قىسىملىرىنىڭ بىئو- جانلىق تىرورىزم خەۋپىگە ۋە يۇقۇملۇق قۇش زۇكىمى قاتارلىق تەبىئىي ئاپەتلەرگە قارشى تۇرۇش ئىقتىدارى سىنىلىدۇ ۋە قانداق قىلغاندا ئىككى تەرەپنىڭ ھەمكارلىشىپ تاقابىل تۇرۇش سەۋىيىسىنى ئاشۇرغىلى بولىدىغانلىقى مۇھاكىمە قىلىنىدۇ « دېدى. بىرقىسىم بىئولوگىيە مۇتەخەسىسلىرى، كۆيدۈرگە ۋىرۇسى، چېچەك ۋىرۇسى، ئابدىمىلىك زەھىرى قاتارلىقلارغا ئاسانلا ئېرىشكىلى، ئېلىپ يۈرگىلى ۋە ساقلىغىلى بولىدىغان بولۇپ، تىرورىزم تەشكىلى ئىشلەتسە بولىدىغان قورالغا ئايلىنىشى مۇمكىن دەپ قارىدى. بازا تەشكىلى ئافغانىستان مەشق قىلىش لاگىرىدا تىرورىزم تەشكىلى يازغان بىئو- جانلىقلار زەھىرىنى ياسايدىغان ۋە ئىشلىتىدىغان» كۆرسەتمە ئوقۇشلۇقى « نى بايقىغان
زۇبەيدە يارمۇھەممەد تەرجىمىسى
خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!