ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>خەلقئارا>

ئامېرىكا: ئانناننىڭ تىنچلىق پىلانىدا يەنىلا چىڭ تۇرىمىز

2012-يىلى05-ئاينىڭ11-كۈنىمەنبە:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى يوللىغۇچى:
  

 

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 11-ماي بېيجىڭ خەۋىرى:

ئامېرىكا ئاق ساراينىڭ باياناتچىسى جېيى كارنىي 10-ماي مۇنداق دېدى: ئامېرىكا سۇرىيە پىرېزىدېنتى باشار ئەسەدنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ۋە ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ بىرلەشمە ئالاھىدە ئەلچىسى ئاننان ئوتتۇرغا قويغان تىنچلىق پىلانىنى ئىجرا قىلىشنى خالاش خالىماسلىقىدىن گۇمان قىلسىمۇ، لېكىن بۇ پىلاننى داۋاملىق قوللايدۇ. كارنىي شۇ كۈنى ئەتىگەندە سۇرىيەنىڭ پايتەختى دەمەشقتە يۈز بەرگەن پارتلىتىش ھۇجۇمىنى ئەيىبلىدى، لېكىن ئۇ ھۇجۇمنىڭ سۇرىيەدىكى ئۆكتىچىلەرنىڭ ھەرىكىتىگە ۋەكىللىك قىلىدىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلىشنى رەت قىلدى. كارنى: ھۇجۇم-سۇرىيەدە ماللىمانچىلىقتىن پايدىلىنىشقا ئۇرۇنۇۋاتقان رادىكال كۈچلەرنىڭ قىلمىشى دېدى.

 

خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!