جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 11-ماي بېيجىڭ خەۋىرى:
ئامېرىكىنىڭ دۆلەت مۇداپىيە مىنىستىرى پانىتتا 10-ماي مۇنداق دېدى: دۆلەت مۇداپىيە مىنىستىرلىقىمىز ئافغانىستاندىكى تالىبان تەرىپىدىن قامال قويۇلغا ئامېرىكىنىڭ بىر ئەسكىرىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قۇتۇلدۇرۇپ چىقىش ئۈستىدە ئىزدىنىۋاتىدۇ.
پانىتتا بەش بۇرجەكلىك بىنادا ئېچىلغان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۇنداق دېدى: تالىبان قامال قويغان بۇ ئەسكەرنىڭ ئىسمى باۋ بېلىدار، 26 ياش بولۇپ، ئېيداخول شىتاتىدىن. بېلىدار 2009-يىلى 30-ئىيۇل ئافغانىستاندا يوقاپ كەتكەن، ئارقىدىن تالىبان تەرىپىدىن قامالغانلىقى ئىسپاتلانغان. ئۇ ھازىر دۈشمەن قاماپ قويغان بىردىن بىر ئامېرىكا ئەسكىرى دەپ قارالماقتا.