ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>خەلقئارا>

پاناما پىرېزىدېنتى مۇئاۋىن پىرېزىدېنتنىڭ ۋەزىپىسىدىن ئىست

2012-يىلى05-ئاينىڭ11-كۈنىمەنبە:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى يوللىغۇچى:
  

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 11-ماي بېيجىڭ خەۋىرى:

پاناما پىرېزىدېنت مەھكىمىسى 10-ماي ئاخبارات ئېلان قىلىپ، پانامانىڭ مۇئاۋىن پىرېزىدېنتى بارېرانىڭ ۋەزىپىسىدىن پايدىلىنىپ ئۆزىنىڭ سىياسىي نىيىتىنى ئەمەلگە ئاشۇرغانلىقىنى ئەيىبلىدى ۋە ئۇنىڭدىن ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بېرىشىنى تەلەپ قىلىپ، پاناما سىياسىي سەھنىسىدىكى كىرىزىسنى يەنىمۇ جىددىيلەشتۈرىۋەتتى.

پاناما تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىدە مۇنداق دېيىلدى: ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان ئىتتىپاق پارچىلانغاندىن كېيىن، خەلقنىڭ پاناما ھۆكۈمىتىنى قوللاش نىسبىتى شىددەت بىلەن تۆۋەنلىدى. ئۆتكەن يىلى ئاۋغۇستتا پاناما ھۆكۈمىتىنى قوللاش نىسبىتى %44 ئىدى، بۇ يىل ئاپرېلدا %24 كە چۈشۈپ قالدى.

 

خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!