ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>خەلقئارا>

ئاننان ۋە رۇسىيە، ئامېرىكا سۈرىيەدىكى پارتلىتىش ۋەقەسىنى ئ

2012-يىلى05-ئاينىڭ11-كۈنىمەنبە:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى يوللىغۇچى:
  

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 11-ماي بېيجىڭ خەۋىرى:

سۈرىيە مەسىلىسى بويىچە بىرلەشمە ئالاھىدە ئەلچى ئاننان تۈنۈگۈن جەنۋەدە بايانات ئېلان قىلىپ: سۈرىيەنىڭ پايتەختى دەمەشىقتە يۈز بەرگەن ئىككى قېتىملىق پارتلىتىپ ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىنى قاتتىق ئەيىبلىدى. ئاننان باياناتىدا قازا قىلغۇچىلارنىڭ ئائىلە-تاۋاباتلىرىغا تەزىيە بىلدۈردى. ئۇ توقۇنۇشىۋاتقان ھەرقايسى تەرەپنىڭ ئۇرۇش توختىتىش مىزانىغا ئەمەل قىلىشىنى مۇراجىئەت قىلدى. ئۇ توقۇنۇشنى ۋە جىددىي ۋەزىيەتنى كەسكىنلەشتۈرۈۋېتىدىغان ھەرقانداق قىلمىش ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزىدۇ دەپ ئاگاھلاندۇردى. ئاننان يەنە ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ خەلقنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداپ، قانلىق ۋەقەنىڭ يەنە يۈز بېرىشىدىن ساقلىنىشنى مۇراجىئەت قىلدى.

ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ باياناتچىسى ۋېكتورىيە نيۇلاند تۈنۈگۈن بايانات ئېلان قىلىپ، سۈرىيەنىڭ پايتەختى دەمەشىقتە يۈز بەرگەن ئىككى قېتىملىق پارتلىتىپ ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىنى قاتتىق ئەيىبلىدى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، سۈرىيە ھۆكۈمىتىنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ۋە ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ بىرلەشمە ئالاھىدە ئەلچىسى ئاننان ئوتتۇرىغا قويغان تىنچلىق پىلانىنى تېز ۋە ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇشقا دەۋەت قىلدى.

رۇسىيەنىڭ مۇئاۋىن دىپلوماتىيە مىنىستىرى بوغدانوف: سۈرىيەنىڭ پايتەختى دەمەشىقتە يۈز بەرگەن ئىككى قېتىملىق ئۆزىنى قوشۇپ پارتلىتىپ ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىنى قاتتىق ئەيىبلىدى.

كىشىلەر ئىشقا چىقىدىغان، ئوقۇغۇچىلار مەكتەپكە بارىدىغان ۋاقىتتا يۈز بەرگەن بۇ ئىككى ۋەقەدە ھازىرغىچە 55 كىشى قازا قىلدى، 372 كىشى يارىلاندى.

 

خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!