جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 11-ماي بېيجىڭ خەۋىرى:
ئىتتىپاق تۈزمەسلىك ھەرىكىتى ماسلاشتۇرۇش ئىدارىسىنىڭ مىنىستىر دەرىجىلىكلەر يىغىنى تۈنۈگۈن مىسىرنىڭ قىزىل دېڭىز ساھىلىدىكى شام شەيخ شەھىرىدە يېپىلدى، يىغىندا «شام شەيخ ئاخىرقى ھۈججىتى» ماقۇللاندى.
«ئاخىرقى ھۈججەت»تە كۆرسىتىلىشىچە، يىغىنغا قاتناشقان ۋەكىللەر: تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، دۇنيادىكى كۈچ سېلىشتۇرمىسى تېخىمۇ تەڭپۇڭلىشىش يۆنىلىشىگە قاراپ تەرەققىي قىلىۋاتىدۇ، ئىتتىپاق تۈزمەسلىك ھەرىكىتىگە ئەزا دۆلەتلەرنىڭ دۇنيانى گۈللەندۈرۈشنى كوللىكتىپ تەلەپ قىلىش تىرىشچانلىقى يەنىلا چوڭقۇر قاتلاملىق توسالغۇلارغا دۇچ كېلىۋاتىدۇ دەپ قارىدى، ئۇلار ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىقنى كۈچەيتىپ، بىر-بىرىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە كۆپ خىللىقىغا ھۆرمەت قىلىش ئاساسىدا تەشكىلاتنىڭ تەسىرىنى ئاشۇرۇشىنى مۇراجىئەت قىلدى.