ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>خەلقئارا>

ئىتتىپاق تۈزمەسلىك ھەرىكىتى يېڭى دۇنيا تەرتىپى ئورنىتىشتا

2012-يىلى05-ئاينىڭ11-كۈنىمەنبە:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى يوللىغۇچى:
  

 

ئىتتىپاق تۈزمەسلىك ھەرىكىتى ماسلاشتۇرۇش ئىدارىسىنىڭ مىنىستىر دەرىجىلىكلەر يىغىنى بۈگۈن مىسىردىكى شام شەيختا ئۆتكۈزۈلدى، كۆپلىگەن دۆلەتنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى بىلەن ۋەكىللىرى يىغىندا مۇنداق دەپ تەكىتلىدى: دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ چېكىنىشى، خەۋپسىزلىك ۋەزىيىتىنىڭ ناچارلىشىشى قاتارلىق خىرىسلار ئالدىدا، ئىتتىپاق تۈزمەسلىك ھەرىكىتى يېڭى دۇنيا تەرتىپى ئورنىتىشتا مۇھىم رول ئوينىشى كېرەك.

كۇبانىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى برونو رودرىگۇز مۇنداق دېدى: ھازىر دۇنيا ئىنسانىيەت تارىخىدىكى ھالقىلىق مەزگىلدە تۇرۇۋاتىدۇ. بەزى دۆلەتلەرنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە ئۆزىگە ئۆزى خوجا بولۇش ھوقۇقى خىرىسقا دۇچ كېلىۋاتىدۇ. بىز باشقىلارنىڭ كونتروللۇقىدىكى دۇنيا تەرتىپىگە داۋاملىق بويسۇنساق بولمايدۇ. تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ تەشكىلاتى بولغان ئىتتىپاق تۈزمەسلىك ھەرىكىتى ئەزا دۆلەتلەرنىڭ قارىشىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش، يېڭى دۇنيا تەرتىپى ئورنىتىشتا باشقىلار ئورنىنى ئالالمايدىغان رولغا ئىگە.

رودرىگۇز يەنە مۇنداق دېدى: ئىتتىپاق تۈزمەسلىك ھەرىكىتى ھازىرمۇ خىرىسلارغا دۇچ كېلىۋاتىدۇ، بەزى چوڭ - چوڭ خەلقئارالىق مەسىلىلەردە پىكىردە بىرلىككە كىلەلمەيۋاتىدۇ. ئىتتىپاق تۈزمەسلىك ھەرىكىتى قۇرۇلغاندىن بۇيان گەرچە بەزى نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلگەن بولسىمۇ، بۇنىڭ بىلەنلا قانائەتلىنىپ قېلىشقا بولمايدۇ. بىز تېخىمۇ كۆپ تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، ئەزا دۆلەتلەرنىڭ مۇستەقىللىقى ۋە ئۆزىگە ئۆزى خوجا بولۇشىنى قوغدايدىغان مۇداپىئە سېپى ھاسىل قىلىشىمىز كېرەك.

ھىندونېزىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى ماتى مۇنداق دېدى: تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىيات سۈرئىتىنى تېزلىتىدىغان موتورلارنىڭ بىرىگە ئايلىنىپ، دۇنيا ئىقتىسادىنى تەڭشەش - تىزگىنلەشتە بارغانسېرى مۇھىم رول ئويناۋاتىدۇ. تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ دۇنياۋى تەشكىلاتى بولغان ئىتتىپاق تۈزمەسلىك ھەرىكىتى كىلىماتنىڭ ناچارلىشىشى، ئاشلىق بىخەتەرلىكى، ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكى ۋە خەلقئارا پۇل مۇئامىلە سىستېمىسىنى ئۆزگەرتىش جەھەتلەردە داۋاملىق مۇھىم رول ئوينىشى كېرەك. ماتى ئەزا دۆلەتلەرنىڭ خەلقئارالىق تالاش - تارتىشلارنى دىپلوماتىيە يولى بىلەن ھەل قىلىپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىنى قوغدىشىنى مۇراجىئەت قىلدى.

پاكىستان دىپلوماتىيە دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرى ناۋابزادا مالىك ئامادخان مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى يىغىن دۇنيانى تەرتىپكە سېلىش سىستېمىسى ۋە ئۆلچەم رامكىسىدا زور ئۆزگىرىش بولۇۋاتقاندا ئېچىلدى. ئىتتىپاق تۈزمەسلىك ھەرىكىتىگە ئەزا دۆلەتلەر سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي ساھەلەردىكى نۇرغۇن خىرىسقا دۇچ كەلمەكتە. بىز خەلقئارا ئېتىراپ قىلغان پىرىنسىپ ئاساسىدا، دۇنيانى تەرتىپكە سېلىش سىستېمىسى ئورنىتىشنى داۋاملىق مۇراجىئەت قىلىمىز.

بۇ قېتىمقى يىغىنغا 100 نەچچە دۆلەتنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى بىلەن ۋەكىللىرى قاتناشتى. ئىككى كۈن داۋاملىشىدىغان بۇ يىغىن بۇ يىل يازدا ئىراندا ئېچىلىدىغان ئىتتىپاق تۈزمەسلىك ھەرىكىتى باشلىقلار يىغىنىغا تەييارلىق كۆرۈش مەقسىتىدە ئېچىلغان.

ئىتتىپاق تۈزمەسلىك ھەرىكىتىگە ئەزا دۆلەتلەر ھازىر 120گە يەتكەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئۈچتىن ئىككى قىسمى ب د ت غا ئەزا، مۇتلەق كۆپ ساندىكىلىرى ئاسىيا، ئافرىقا ۋە لاتىن ئامېرىكىسىدىكى تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر. بۇ تەشكىلاتنىڭ خەلقئارا جەمئىيەتتە تەسىرى ناھايىتى چوڭ. جۇڭگو 1992-يىلى 9 - ئايدا ئىتتىپاق تۈزمەسلىك ھەرىكىتىنىڭ كۆزەتكۈچى دۆلىتى بولغان.


خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!