مۆلچەرلەرگە ئاساسلانغاندا، بېنگال دۆلىتىدە 8000 كېسەك زاۋۇتى بار بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە تەخمىنەن 2000ى قانۇنسىز قىسقا مەزگىللىك زاۋۇتلار ئىكەن. مۇسسۇن شامىلى پەسلىنىڭ تەسىرىدە، كېسەك زاۋۇتى ھەريىلنىڭ پەقەت بەش ئېيىدىلا ئىشلەپچىقىرىش ئېلىپ بارىدىكەن، ئاز ساندىكىلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ۋاقتى بولسا يەتتە ئايغا يېتىدىكەن. بېنگالنىڭ پايتەختى داككادىكى كېسەك زاۋۇتلىرىنىڭ مەھسۇلات مىقدارى گەرچە پۈتۈن بېنگال دۆلىتىنڭ ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ يۈزدىن بىر پىرسەنتىنىلا ئىگىلىسىمۇ، ئەمما زاۋۇتلار كۆيدۈرگەن كۆمۈرلەر داككانىڭ ھاۋاسىنى ئېغىر بۇلغىغان. ئۇنىڭ ئۈستىگە زاۋۇتلارنىڭ ھېچقانداق بىخەتەرلىك ئەسلىھەلىرى ۋە بىخەتەرلىك كۆرسەتمىسى يوق بولغاچقا، كۆپ قىسىم ئىشچىلار نەپەسلىنىش يولى، بوغۇم ياللۇغى قاتارلىق كېسەللەرگە گىرىپتار بولىدىكەن. بەزى ئائىلىلەر ئائىلە بويىچە داككا شەھىرىنىڭ شەھەر سىرتىدىكى كېسەك زاۋۇتىغا كۆچۈپ بېرىپ ئىشلىسىمۇ، كۈنىگە ئاران 100تاكاغا ئېرىشەلەيدىكەن. (7.7 خەلق سومى)، شۇڭا ئۇلارنىڭ بالىلىرىمۇ شۇ سەۋەبلىك كېسەك زاۋۇتىنىڭ ئىشچىلىرىغا ئايلىنىپ كېتىدىكەن. بۇ بالىلار ئەزەلدىن مائارىپ تەربىيىسى كۆرۈپ باقمىغان بولۇپ، كەلگۈسىگە نىسبەتەن گاڭگىراش ئىچىدە ئىكەن. بۇيەردىكى ئۆسمۈر ئىشچىلارنىڭ نامراتچىلىق، مائارىپ، ئېزىش بىلەن ئىنتايىن زىچ مۇناسىۋىتى بار بولۇپ، ئۇلار ئىشلەش ئۈچۈنلا تۇغۇلغان. ئەمەلىيەتتە، بۇ ھەممىگە ئايان جەمئىيەت ھادىسىسى بولسىمۇ، ئەمما بۇنىڭغا دىققەت قىلىدىغان بىر ئادەممۇ يوق ئىكەن. ئۇلارنىڭ ئاستا-ئاستا كىشىلەر تەرىپىدىن ئۇنتۇلۇپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن، بۈگۈن ئۇلارنى بىريەرگە يىغدۇق. ئۇلارنىڭ تۇرمۇش ھالىتىنىڭ مۇشۇ سەۋەبلىك ئازراق بولسىمۇ ئۆزگىرىشكە ئېرىشىشىنى، ئۆسمۈر بالىلارنىڭ مەكتەپ قوينىغا كىرىپ، بەھىرلىنىشكە تېگىشلىك مائارىپتىن ھۇزۇر ئېلىشىنى ئۈمىد قىلدۇق. يەرشارى تورى مۇخبىرى يۇسران تەرجىمە قىلدى