جۇڭگو ئاخبارات تورىنىڭ 9-ماي خەۋىرى: «سوۋېت ئىتتىپاقى ئارمىيىسى جۇڭگونىڭ شەرقىي-شىمالىنى ئازاد قىلغان» مۇزىيخانىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى بۈگۈن دالىيەن شەھىرىنىڭ لۈشۈن رايونىنىڭ رايون ئېغىزىدا ئۆتكۈزۈلدى. روسىيە دېپلوماتىيە مىنىستىتى لاۋروف ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەمدە سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: روسىيە بىلەن جۇڭگو تارىخنى بۇرمىلاش سۈيقەستلىرىگە قارشى تۇرىدۇ ھەمدە ۋەتەن قوغداش ئۇرۇشىنىڭ خاتىرە مۇنارىنى قوغدايدۇ. ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: «بىز ئىككى دۆلەت ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ پارتلاش سەۋەبى ۋە نەتىجىسىگە نىسبەتەن ئورتاق قاراشتىمىز.». «بۇ ئىنتايىن مۇھىم، چۈنكى نۆۋەتتىكى شارائىتتا، ئىنتايىن كۆپ كىشىلەر تارىخنى بۇرمىلاش، ھەقىقەتنى يېپىش مەقسىتىدە بولۇۋاتىدۇ، ئالدى بىلەن دالىيەن شەھىرى ۋە لۈشۈن ناھىيىلىك ھۆكۈمەتكە رەھمىتىمنى بىلدۈرىمەن.» «سوۋېت ئىتتىپاقى ئارمىيىسى جۇڭگونىڭ شەرقى-شىمالىنى ئازاد قىلغان» تارىخىي مۇزىيخانىسى لۈشۈن ھەربىي مۇزىيخانا رايونى ئىچىگە ئورۇنلاشقان بولۇپ، 2010-يىلى ئىككى تەرەپ «مەڭگۈلۈك ئابىدە» خاتىرە ئابىدە مۇنارىنىڭ ئاساسىي قىسىملىرىنى ئوڭشاپ ئۆزگەرتىش ئارقىلىق «سوۋېت ئىتتىپاقى ئارمىيىسى جۇڭگونىڭ شەرقىي-شىمالىنى ئازاد قىلغان» نامىدىكى تارىخىي مۇزىيخانا قىلىپ قۇرۇپ چىقىشنى كېڭىشىپ بېكىتكەن. قۇرۇلۇشنىڭ ئۆزگەرتىپ رېمونت قىلىپ پۈتۈشى ئۈچۈن ئىككى يىل ۋاقىت كەتكەن. يۇسران