ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>خەلقئارا>

ئامېرىكىلىق جىنايەتچى پىرىزدېنت ئالدىن سايلىمىدا كۆزگە كۆرۈنەرلىك نەتىجىگە ئېرىشتى

2012-يىلى05-ئاينىڭ10-كۈنىمەنبە:ئوكيان تورى يوللىغۇچى:
جۇڭگو ئاخبارات تورىنىڭ 9-ماي تېلىگراممىسى، ئامېرىكا غەربىي ۋېرگىنىيە شىتاتىنىڭ شىتات ئىشلىرى ئىشخانىسى 9-ماي كۈنى، بىر كۈن ئاۋۋال ئۆتكۈزۈلگەن دېموكراتىك پارتىيە پىرىزدېنت ئالدىن سايلىمىدا، بىر نەپەر فېدراتسىيە تۈرمىسىدە جازا ئۆتەۋاتقان جىنايەتچى غەلبىلىك
  

 

جۇڭگو ئاخبارات تورىنىڭ 9-ماي تېلىگراممىسى، ئامېرىكا غەربىي ۋېرگىنىيە شىتاتىنىڭ شىتات ئىشلىرى ئىشخانىسى  9-ماي كۈنى، بىر كۈن ئاۋۋال ئۆتكۈزۈلگەن دېموكراتىك پارتىيە پىرىزدېنت ئالدىن سايلىمىدا، بىر  نەپەر فېدراتسىيە تۈرمىسىدە جازا ئۆتەۋاتقان جىنايەتچى غەلبىلىك ھالدا %42 لىك سايلاش بېلىتىگە ئېرىشىپ، ئوبامادىن قالسىلا ئىككىنچى ئورۇندا تۇرۇۋاتقانلىقىنى جاكارلىغان. كەيىس جاد ئىسىملىك بۇ جىنايەتچى بۇ يىل 53 ياشقا كىرگەن بولۇپ، قاقتى-سوقتى قىلىش جىنايىتى بىلەن تېكساس شىتاتىنىڭ تېكىساكانا يېرىدىكى فېدراتسىيە تۈرمىسىدە جازا ئۆتەۋاتقان. ئۇنىڭ جازا مۇددىتى جەمئىي 210 ئاي بولۇپ، 1999-يىلىدىن باشلىنىپ، تەخمىنەن 2013-يىلى 6-ئايدا جازا مۇددىتى توشۇپ قويۇپ بېرىلىدىكەن. ئامېرىكا ئاخباراتچىلىرىنىڭ خەۋىرىدە، ئۇ ئۆزىنى 1996-يىلىدىن باشلاپ ئامېرىكا پىرىزدېنتلىق سايلىمىغا قاتنىشىۋاتقان، ھەمدە 2008-يىلى ئايداخو شىتاتىنىڭ دېموكراتلار پارتىيىسىنىڭ ئالدىن تاللاش سايلىمىدا ئۈچىنچى بولغانلىقىنى ئېيتقان. خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، جاد 2500 ئامېرىكا دوللىرى (تەخمىنەن 15700 خەلق سوممىسى)لىق تىزىملىتىش ھەققى تاپشۇرۇپ، غەربىي ۋېرگىنىيە شىتاتى دېموكراتلار پارتىيىسىنىڭ ئالدىن تاللاش سايلىمىغا قاتناشقان ئىكەن. تولۇق  بولمىغان بېلەت ھېسابى نەتىجىسىگە ئاساسلانغاندا، ئۇ 8-ماي كۈنىدىكى تاللاش سايلىمىدا %42 لىك سايلاش بېلىتىگە ئېرىشكەن بولۇپ، ئوباما ئېرىشكەن %57 لىك سايلاش بېلىتىدىن قالسىلا ئىككىنچى بولغان، جاد غەربىي ۋېرگىنىيەدىكى سەككىز ناھىيىدە ھەتتا ئوبامانىڭمۇ ئالدىغا ئۆتۈپ كەتكەن. جادنىڭ غەربىي ۋېرگىنىيە شىتاتىنىڭ ئالدىن تاللاش سايلىمىدا ئېرىشكەن نەتىجىسى يامان ئەمەس بولسىمۇ، ئەمما ئوباما دېموكراتلار پارتىيىسى كۆرسىتىشكە يەتكۈدەك ۋەكىللەر سانىغا ئېرىشىپ بولغان ئىكەن، بۇنداق قىستۇرما ئىشلار ئۇنىڭ پىرىزدېنتلىق ۋەزىپىسىدە داۋاملىق ئولتۇرۇش سايلىمىغا قاتنىشىشىغا ئانچە چوڭ تەسىر كۆرسىتەلمەيدىكەن. شۇنداقتىمۇ ئامېرىكا ئاخباراتچىلىرىنىڭ باھا سۆزىدە مۇنداق دېيىلگەن، بۇ ئىش ھېچ  بولمىغاندا غەربىي ۋېرگىنىيە شىتاتىدا بولسىمۇ، سايلىغۇچىلارنىڭ ئوباماغا  بولغان قىزغىنلىقى يۇقىرى ئەمەس. يۇسران

     

خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!