ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>خەلقئارا>

ئەنگىلىيە ئۇرۇش ئايروپىلانى «ئولىمپىك» بىخەتەرلىك مانىۋېرىغا قاتناشتى

2012-يىلى05-ئاينىڭ03-كۈنىمەنبە:ئوكيان تورى يوللىغۇچى:
شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ 3-ماي خەۋىرى: لوندون ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىنىڭ بىخەتەر ئۆتكۈزۈلۈشىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ئەنگىلىيە ھەربىي تەرەپ 2-مايدىن 10-مايغىچە سەككىز كۈنلۈك ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنى بىخەتەرلىك مانىۋىرى ئۆتكۈزۈشكە باشلىغان. دۇنيانىڭ ھەر
  

 

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ 3-ماي خەۋىرى: لوندون ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىنىڭ بىخەتەر ئۆتكۈزۈلۈشىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ئەنگىلىيە ھەربىي تەرەپ 2-مايدىن 10-مايغىچە سەككىز كۈنلۈك ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنى بىخەتەرلىك مانىۋىرى ئۆتكۈزۈشكە باشلىغان. دۇنيانىڭ ھەرقايسى يەرلىرىدىن كەلگەن ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى لوندۇن ئاسمىنىدا مانىۋېرغا قاتناشقان. ئەنگىلىيە دۆلەت خەۋپسىزلىك ۋەزىرى مۇنداق دېگەن، مانىۋېرغا قاتناشقان ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى لوندون شەھىرىنىڭ جەنۇبىدىكى نوخۇت خان جەمەتى ھاۋا ئارمىيە بازىسىغا قوندى. بۇ ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن بۇيان ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنىڭ تۇنجى نۆۋەت بۇ بازىغا قونۇشى. ئولىمپىك ھاۋا بىخەتەرلىكىگە مەسئۇل خادىم، ئەنگىلىيە ھاۋا ئارمىيىسىنىڭ لېيتنانتى سېتۇتېر مۇنداق دېگەن، مانىۋېر مەزگىلىدە تىك ئۇچار ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى ۋە قوراللىق تىك ئۇچار ئايروپىلانلار لوندۇن ئاسمىنىدا ئۇياقتىن-بۇياققا ئۇچىدۇ، بۇنداق بولغاندا ئۇچقۇچىلار مەركىزى شەھەردە ۋەزىپە ئىجرا قىلىشقا پىششىق بولىدۇ. ئۇ كەڭ خەلق ئاممىسىنى بۇنىڭغا قارىتا چۈشۈنۈش پوزىتسىيىسى تۇتۇشقا چاقىردى. ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنىڭ مانىۋېرى ئاياقلاشقاندىن كېيىن ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ بازىسىغا قايتىپ كېتىدىكەن، ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنى ۋە ئولىمپىك مېيىپلار تەنھەرىكەت يىغىنى مەزگىلىدە يەنە نوخۇت ھاۋا ئارمىيىسى بازىسىغا قايتىپ كېلىپ ۋەزىپە ئۆتەيدىكەن، خان جەمەتى ھاۋا ئارمىيىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تەنھەرىكەت يىغىنى مەزگىلىدە مەرگەنلەر ئولتۇرغان تىك ئۇچار ئايروپىلانلار لوندۇن ئاسمىنىدا تۇرۇپ چارلاش ئېلىپ بارىدىكەن ھەمدە ئىجازەتسىز ھاۋا تېروتورىيىسىگە بۆسۈپ كىرگەن ھەرقانداق بىر ئۇچار جىسىمنى توسۇيدىكەن. بۇنىڭدىن باشقا، نۆۋەتتە يەر يۈزى ئارمىيىسى باشقۇرۇلىدىغان بومبا سېستىمىسىنى سىناۋاتقان بولۇپ،  بۇ سېستىمىلار ئولىمپىك مەيدانىغا يېقىن بولغان قۇرۇلۇش ئىمارەتلىرىگە ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى مۇمكىن ئىكەن. ئەنگىلىيە ھۆكۈمىتى ئولىمپىك تەنھەرىكەت مەزگىلىدە يەر-ھاۋادىن باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئارقىلىق بىخەتەرلىك مۇداپىئەسى قوللىنىدىغانلىقىغا ئېنىق ئىپادە بىلدۈرمىگەن. مەلۇماتلارغا قارىغاندا، لوندۇن ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا، 23700 ئادەم بىخەتەرلىك خىزمىتىگە قاتنىشىدىكەن، بۇ ھەربىي قوشۇن، شەخسىي  قوغدىغۇچى ھەمدە ئاز دېگەندىمۇ ئۈچ مىڭغا يېتىدىغان پىدائىيلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. 7500 نەپەر ھەربىي قوشۇن خادىملىرى ئولىمپىك تەنھەرىكەت مەيدانىنىڭ ئىچكى قىسمىدا چارلاش خىزمىتىگە قويۇلىدىكەن.

 


 يۇسران تەرجىمىسى

خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!