ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>خەلقئارا>

ھىلارى جۇڭگو-ئامېرىكا ئىستراتىگىيە ۋە ئىقتىساد سۆزلىشىشگە قاتنىشىش ئۈچۈن بېيجىڭغا كەلدى

2012-يىلى05-ئاينىڭ03-كۈنىمەنبە:ئوكيان تورى يوللىغۇچى:
ھىلارى جۇڭگو-ئامېرىكا ئىستراتىگىيە ۋە ئىقتىساد سۆزلىشىشگە قاتنىشىش ئۈچۈن بېيجىڭغا كەلدى u_a_client=1003; u_a_width=468; u_a_height=90; u_a_zones=1003; u_a_type=0 ھىلارى جۇڭگو-ئامېرىكا ئىستراتىگىيە ۋە ئىقتىساد سۆزلىشىشگە قاتنىشىش ئۈچۈن بېيجىڭغا كەلدى شەرق
  

شەرق تورىنىڭ 2-ماي خەۋىرى: كەچلىك خەۋەرلەر گېزىتىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، 4-نۆۋەتلىك جۇڭگو ئامېرىكا ئىستراتىگىيە ۋە ئىقتىساد سۆزلىشىشى 5-ئاينىڭ 3-كۈنىدىن 4-كۈنىگىچە بېيجىڭدا ئۆتكۈزىلىدىغان بولۇپ، ئامېرىكا دۆلەت كاتىپى ھىلارى 5-ئاينىڭ 2-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن بېيجىڭغا يېتىپ كەلگەن. ھىلارى يولغا چىقىشتىن بۇرۇن سۆھبەتتە ئىنسانىي ھوقۇق مەسلىسىنى ئوتتۇرىغا قويدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. بۇنىڭدىن سىرت، ئامېرىكا ئاخباراتلىرى تەھلىل قىلىپ دېيىشىچە، ئىستراتىگىيىلىك بىخەتەرلىك سۆزلىشىشدە، جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ مۇزاكىرە قىلىدىغان دائىرىسى چەكلىك ئىكەن. ھىلارى ۋاشىنڭتون ۋاقتى 4-ئاينىڭ 30-كۈنى فىلىپپىن بىلەن ئۆتكۈزگەن يۇقىرى دەرىجىلىكلەر سۆھبىتىدىن كېيىن ئاشكارىلىشىچە، جۇڭگو ئامېرىكا ئىستراتىگىيە ۋە ئىقتىساد سۆزلىشىشى ۋاقتىدا ئىنسانىي ھوقۇق تېمىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق مەسلىلەرنى تەھلىل قىلىدىغان بولۇپ، ئىگىلىنىشچە، ئامېرىكىنىڭ دېموكراتىيە، ئىنسانىي ھوقۇق ۋە ئەمگەك ئىشلىرىغا مەسئول ياردەمچى دۆلەت كاتىپى مايكول پوسنېر (Michael Posner) مۇ ئامېرىكا ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئەزاسى ئىكەن. 4-ئاينىڭ 27 ۋە 28-كۈنلىرى، ئامېرىكا بىلەن جۇڭگو ئىنسانىي ھوقۇق مەسىلىسىدە بېيجىڭدا سۆزلەشكەن. (نەپرەت)

خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!