ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>خەلقئارا>

ئوباما ئافغانىستاننى تۇيۇقسىز زىيارەت قىلدى، ئىككى دۆلەت سىتىراتېگىيە كېلىشىمى ئىمزالىدى

2012-يىلى05-ئاينىڭ02-كۈنىمەنبە:ئوكيان تورى يوللىغۇچى:
ئامېرىكا پىرىزدېنتى باراك ئوباما 5-ئاينىڭ 1-كۈنى ئافغانىستانغا يېتىپ كەلدى، ھەمدە ئۇ يەردە ئافغانىستان پىرىزدېنتى ھامىد كارزايى بىلەن ستىراتىگىيىلىك ھەمكارلىشىش كېلىشىمى ئىمزالىدى. شۇ كۈنى ئامېرىكا ئارمىيىسى پاكىستاندا بازا تەشكىلاتىنىڭ باش رەھبىرى ئوساما
  

 

ئامېرىكا پىرىزدېنتى باراك ئوباما 5-ئاينىڭ 1-كۈنى ئافغانىستانغا يېتىپ كەلدى، ھەمدە ئۇ يەردە ئافغانىستان پىرىزدېنتى ھامىد كارزايى بىلەن ستىراتىگىيىلىك ھەمكارلىشىش كېلىشىمى ئىمزالىدى. شۇ كۈنى ئامېرىكا ئارمىيىسى پاكىستاندا «بازا» تەشكىلاتىنىڭ باش رەھبىرى ئوساما بىن لادىننى ئېتىپ تاشلىغانلىقىنىڭ بىر يىللىق خاتىرە كۈنى ئىدى. ئوباما ئالدى بىلەن كارزايىنىڭ كابۇلدىكى پىرىزدېنت سارىيىدا كۆرۈشۈش مۇراسىمىغا قاتناشتى، ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى شۇ يەردە كېلىشىم ئىمزالىدى. بۇ قېتىملىك سىتراتېگىيىلىك ھەمكارلىق كېلىشىمى 2014-يىلى كۆپ قىسىم ئامېرىكا ھەربىي قىسىملىرى ئافغانىستاندىن چېكىنىپ چىقىپ كەتكەندىن كېيىنكى ئون يىللىق ئامېرىكا-ئافغانىستان مۇناسىۋىتى ئۈچۈن تۈزۈلگەن ئىدى. ئوباما گەرچە ئافغانىستاننىڭ كەلگۈسىدە ئوڭۇشسىزلىقنىڭ يۈز بېرىشى مۇقەررەر ئىكەنلىكىنى ئېيتقان بولسىمۇ، ئەمما بۇ قېتىملىق كېلىشىم ئىمزالاشنىڭ ئىككى دۆلەتنىڭ تارىخىي پەيتلىرى ئىكەنلىكىنىمۇ ئەسكەرتىپ ئۆتتى. بىخەتەرلىكنى كۆزدە تۇتقانلىق سەۋەبلىك، ئوبامانىڭ ئافغانىستانغا بولغان سەپىرى سىرتقا نىسبەتەن سىر تۇتۇلغانىدى. بۇ قېتىملىق سەپەردىن بۇرۇن، ئاق ساراي ۋە ئوبامانىڭ سايلام رىقابەتچى ئۆمىكى بىر قاتار پائالىيەتلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇپ بىن لادىن ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنىڭ بىر يىللىقىنى خاتىرىلىگەن ئىدى. ئوبامانىڭ ياردەمچى ئەمەلدارلىرى، بىن لادىننى ئوققا تۇتۇش ئوبامانىڭ ئامېرىكا دۆلىتىنىڭ بىخەتەرلىك ئىشلىرىدە تەشۋىق قىلىشقا ئەرزىيدىغان ئەڭ چوڭ ئۇتىقى، دەپ قارىدى. گەرچە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى ئوبامانىڭ بىن لادىن ئوققا تۇتۇلغان بىر يىللىق خاتىرە كۈنىدە ئافغانىستانغا زىيارەتكە بېرىشىنىڭ سىمىۋوللۇق ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلسىمۇ، ئەمما ئۇلار شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئوباما بىلەن بىللە بۇ قېتىملىق سەپەرگە چىققان مۇخبىرغا، ئوبامانىڭ بۇ قېتىملىق سەپىرىنىڭ ئاساسلىق مەقسىتى يەنىلا سىتىراتېگىيە ھەمكارلاشقۇچى مۇناسىۋىتى كېلىشىمىنىڭ سۆھبىتى ئۈچۈن، دېدى. ئامېرىكا ئەمەلدارلىرى، ئوباما بىلەن كارزايى ئىككىلىسى شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ چېكاكو يىغىنى ئۆتكۈزۈلىشىدىن بۇرۇن ئافغانىستاننىڭ بۇ كېلىشىمنى ئىمزالىۋېتىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. بۇ قېتىملىق كېلىشىم ئافغانىستاننى ئەمىن تاپقۇزۇش، كەلگۈسىدىكى ئىككى يىلدا ئامېرىكا ئاساسلىق ئۇرۇشلىرىنى توختىتش ھەمدە ئاساسلىق بىخەتەرلىك كونترول قىلىش ھوقۇقىنى ئافغانىستان ئارمىيسىگە ئۆتكۈزۈپ بەرگەندىن كېيىنمۇ، ئامېرىكىنىڭ ئافغانىستاندىن ئايرىلماسلىقىدا چوڭ ئەھمىيەتكە ئىگە بولدى. ئامېرىكا مەزكۇر كېلىشىمنامىدە، 2024-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە ئافغانىستان ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىي قىلىشى ۋە نۆۋەتتىكى بىخەتەرلىك ئەھۋالىنى ياخشىلىشىغا تەلتۆكۈس ياردەم بېرىدىغانلىقى توغرىسىدا ۋەدە بەردى. ئوباما ماريلاند شىتاتىنىڭ ئاندرېيۇس ھاۋا ئارمىيە بازىسىدىن كېچىلەپ ئۇچۇپ، شۇ يەر ۋاقتى سەيشەنبە كۈنى يەنى 5-ئاينىڭ 1-كۈنى كەچ سائەت 10 يېرىمدا باغرام ھاۋا ئارمىيىسى بازىسىغا قوندى. ئامېرىكىنىڭ ئافغانىستاندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى رايىن كىروكېر ھەمدە ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ ئافغانىستاندىكى مۇئاۋىن باش شىتاب باشلىقى لېيتنانت گېنىرال مايكىل سىكاپاروتىي بازىدا ئوبامانى قىزغىن كۈتۈۋالدى. ئوباما ئۇ يەردىن ئايروپىلانغا ئولتۇرۇپ كابۇلغا قاراپ ئۇچتى.

  
يۇسران

خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!